ئاياللارغا نەسىھەت: ئەرلەرنىڭ غورۇرىغا تېگىدىغان 6 ئىش(3)

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2011/11/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 01 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 01

بەشىنچى، خۇسۇسىي تۇرمۇشنى ئاشكارىلاش

بەزى ئاياللار دائىم ئۆيدىكى ئىشلارنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، باشقا ئىشداش-قاياشلىرى بىلەن سوقا-سۆھبەت قىلغانغا ئامراق. بۇنىڭ ئىچىدىكى خېلى كۆپ پاراڭلار ئەرلىرى توغرىسىدا بولىدۇ.
ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىككى تەرەپلىمىلىكى بولىدۇ، ئائىلىدە ئاددىي ئەر ھېسابلانغان كىشى، تالادا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان ئىجتىمائىي ئەرباب ياكى مۇئەييەن نوپۇز ۋە سالاھىيەتكە ئىگە كىشى بولۇشى مۇمكىن. ئۆيدىكى ئۇششاق پاراڭلارنىڭ باشقىلارغا ئاشكارىلىنىشى، ئەرنىڭ سىرتتىكى نوپۇز-ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇرىۋېتىشىمۇ تامامەن مۇمكىن. شۇڭا، ئەقىللىق ئاياللار ھەرگىزمۇ ئۆيدىكى ئىشلارنى تالاغا سۆرەپ چىقمايدۇ.

ئالتىنچى، جىنسىي جەھەتتىكى ئىپادىسى

ھەرقانداق بىر ئەركىشى جىنسىي جەھەتتە كۈچلۈك بولۇشنى، ئاياللىرىنىڭ جىنسىي جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا تاغدەك قەددىنى تىك تۇتۇپ ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما، ئەمەلىي ئەھۋال ھەرقاچان شۇنداق بولۇپ كەتمەيدۇ. كېسەللىك، كەيپىيات، ھېرىپ-چارچاش، ياش ... قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىدە ئەرلەردە بەزىدە «ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان» بولماسلىقتەك ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. ئەقىللىق ئاياللار بۇنداق چاغلاردا ئەرلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئوبدان بىلىدۇ.
ئەمما، بىر قىسىم نادان ئاياللار ئەرلىرىنى ئاشكارا ئەيىپلەپ، ئۇلارنىڭ ئەرەنلىك غورۇرىغا تېگىدۇ. ئۇلار ئويلىمايدۇكى، ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا ئۆزىنىڭ جىنسىي جەھەتتىكى ئۆزگىرىشىگە ئەڭ دىققەت قىلىدۇ. ھەر قاچان ئۆزىگە ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويۇپ كېلىدۇ. سەللا ئۆزگىرىش كۆرۈلسە، ئۆزىنى تىڭشاپ، ئۆزىگە ئېغىر روھىي بېسىم ئارتىۋالىدۇ. ھالبۇكى، ئاياللارنىڭ شۇنچىكى ئارتۇق كەتكەن گەپ سۆزى ياكى چىراي-ئىپادىسى ئەرلەرنىڭ دەردىنى نەچچە ھەسسە ئاشۇرىۋېتىدۇ-دە، ئەرلەرنىڭ پىسىخىكىسىغا ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ، ناچار پسىخىك كەيپىيات ئۇزاق داۋاملاشسا، سۆزسىزكى جىسمانىي جەھەتتىمۇ بەزى كېسەللىك ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ چاتاق بولغىنى ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشقىمۇ ئېغىر تەسىر يېتىدۇ.
شۇڭا، ئاياللار ئەرلىرىدىكى جىسمانىي ۋە پسىخىك ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىشكە ماھىر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەرلىك ئىززەت-غورۇرىنى زېرەكلىك بىلەن قوغداپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئالدىدىكى ئەرلىك سالاپىتىنى مەڭگۈ ئۆزگەرتمەي ساقلىشىغا ياردەم قىلىشى، ئۇلارغا كۆپ تەرەپلىمە كۆيۈنىشى، ئاسرىشى لازىم.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر