49 خىل داڭلىق ماركىلىق گىرىم بۇيۇمىدىن زەھەرلىك ماددىلار بايقالدى(2)

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: سوخۇ تورى | ۋاقتى: 2012/02/24 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

ئەندىشە

زەھەرلىك ماددا تەركىبلىرىنىڭ تېرە ئارقىلىق سۈمۈرۈلىدىغان ياكى راك پەيدا قىلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلمىگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھەربىر تەكشۈرۈلگەن گىرىم بۇيۇمىدا 4 تۈرلۈكتىن ئارتۇق ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىغان زەھەرلىك ماددىلار بار، ئەمما ھېچقايسىسى مەھسۇلات ئورالمىسىغا يېزىلىپ ئەسكەرتىلمىگەن. بۇنىڭدىكى سەۋەپ شۇكى، بۇ زەھەرلىك ماددىلار ئادەتتە ئارىلاشما ماددىلار دەپ قارىلىپ، مەقسەتسىز ھالدا قۇشۇلۇپ قېلىپ، پەقەت «قوشۇمچە مەھسۇلات» شەكلىدە ساقلانغان.
بىراق، تەتقىقاتچىلار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، يۇقارقى زەھەرلىك ماددىلار تېرە ئارقىلىق سۈمۈرۈلۈپ، سالامەتلىككە تەھدىت سالىدىغان بىر چوڭ خەۋپ، ھەمدە «كېسەل پەيدا قىلىشى» مۇمكىن، يېنىكرەك بولغاندا باش ئاغرىش، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، تېرە ياللۇغى، چاچ چۈچۈش، ھورمۇنلار تەڭپۇڭسىزلىشىش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؛ ئېغىراق بولغاندا ئۆپكە زەخىملىنىش، نېرۋىلار ۋە بۆرەكتىن كاشىلا چىقىش، ھەتتا راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئالاقىدار خەۋەر
مېي باۋلىيەن، ئوۋلەييا « زەھەرلىك لەۋسۇرۇخ» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA ) يېقىندا ئېلان قىلغان بىر پارچە لەۋسۇرۇخنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئوۋلەييا ۋە مېىي باۋلىيەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان داڭلىق ماركىدىكى گىرىم بۇيۇملىرى تەركىبىدىكى قوغۇشۇن مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى چىققان.  400 خىل تەكشۈرۈلگەن مەھسۇلاتنىڭ ئوتتۇرىچە قوغۇشۇن مىقدارىppm 1.11 بۇلۇپ چىققان. (  1ppm  ھەربىر مىڭ گىرامدىكى مىقدارى 1 مىكروگرامغا تەڭ كېلىدۇ).
بۇ تۈرلۈك ئاشكارىلانغان تىزىملىككە ئاساسەن، قوغۇشۇن مىقدارى ئەڭ يۇقىرى ئون تۈرلۈك گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئىچىدە، ئوۋلەييا (欧莱雅)ۋە مېي باۋلىيەن(美宝莲)ماركىسىدىكى لەۋسۇرۇقى مەھسۇلاتى 5 ئورۇننى ئىگىلىگەن.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر