ئەڭ تېجەشلىك ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ھەرىكەت

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەڭ ياخشى دوختۇر_ئۆزىڭىز | ۋاقتى: 2012/03/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئابدۇرېھىم ياقۇپ | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 04 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

سەمرىپ كەتكەن نۇرغۇن ئاياللار كۈندۈزى ئىشلەپ، كەچتە كىر يۇيۇش، تاماق ئېتىشتەك ئىشلىرىنى قىلىپ، ھېرىپ-چارچىسىمۇ ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتەلمىگىنىگە ھەيران قېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئىلمىي ھەرىكەت قىلمىغان ياكى ھەرىكىتى يېتەرلىك بولمىغان. نوقۇل ئائىلە ئەمگىكى ھەرىكەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.
ئىلمىي ھەرىكەت دېگەن نېمە؟ دۇنيادا ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېجەشلىك ھەرىكەت پىيادە مېڭىش بولۇپ، گولۇف توپ، دومىلىما توپ، سۇ ئۈزۈشلەرمۇ پىيادە مېڭىشنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ھازىر شىمالىي ئامېرىكىدىلا ھەر كۈنى 80 مىليون ئادەم پىيادە مېڭىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدۇ. ياۋرۇپادا پىيادە ساياھەت قىلىش ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى مودىغا ئايلاندى.
پىيادە مېڭىش ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپ، مېڭىپ بەرسە تېخىمۇ چوڭ نەپكە ئېرىشىدۇ. ئاياللار ئادەتتە جىددىي ھەرىكەتلەرگە كۆپ قاتناشمىغاچقا ھەر كۈنى 30 مىنۇت، ھەر ھەپتىدە بەش قېتىم پىيادە مېڭىپ بەرسە، مېڭە سەكتىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %30 تۆۋەنلەيدۇ، ئەگەر ھەر كۈنى 45 مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە پىيادە مېڭىپ بەرسە، مېڭە سەكتىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %40 تۆۋەنلەيدۇ.
ئاياللار پىيادە مېڭىپ بەرسە تېخىمۇ چوڭ نەپكە ئېرىشىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر