25 خىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر(10)

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ياخو تورى | ۋاقتى: 2012/04/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەمەتجان قادىر | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

قوغۇشۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەكلىك
 قوغۇشۇن باشقا ماددىلارنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ، مەسىلەن، تۆمۈر، سىنىك، كالېتسىي قاتارلىقلار قوغۇشۇننىڭ نېرۋا سىستېمىسىدىكى ئورنىنى ئىگەللىيەلەيدۇ، شۇڭلاشقا مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ قاتىللىرىنىڭ بىرى. قوغۇشۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەكلىكلەر ئاساسلىقى قورماچ، ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇم قاتارلىقلار. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يېرى شۇكى، « قوغۇشۇنسىز ھاك بىلەن پىشۇرۇلغان تۇخۇم» نىڭ تەركىبىدە قوغۇشۇن يوق ئەمەس، پەقەت دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىدىن تۆۋەن، شۇڭلاشقا كۆپ مىقداردا ئىستىمال قىلىشقا بولمايدۇ.
ئاليۇمېننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان يېمەكلىكلەر
خەلقئارالىق سەھىيە ئۇيۇشمىسى ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر كۈنلۈك ئاليۇمېننى قوبۇل قىلىش مىقدارى 60 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك دەپ كۆرسەتتى. پىلتا قۇيماق تەركىبىدىكى زەمچە بولسا ئاليۇمېننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئانئورگانىك ماددا بولۇپ، ئەگەر بىر كۈندە 50 گرامدىن100 گرامغىچە پىلتا قۇيماق يىگەندە بۇ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدۇ.
پېروكسىد لىپوزومىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان يېمەكلىكلەر
200 گرادۇستىن ئارتۇق مايدا قورۇلغان يىمەكلىكلەر ھەمدە ئۇزۇن ۋاقىت ئاپتاپقا قاقلانغان يىمەكلىكلەر مەسىلەن، قۇرۇتىلغان بېلىق، ئۆدەك كاۋىپى، غاز كاۋىپى قاتارلىقلاردا بىر قەدەر كۆپ بولغان پېروكسىد لىپوزوما بولۇپ، بۇلار بەدەندە يىغىلىپ، مېتابولېزىم ئىنزېملىرى سېستىمىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ، مېڭىنىڭ بالدۇر زەئىپلىشىشىنى ياكى دېۋەڭلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ساخارىن، تېتىتقۇ كۆپ بولغان يېمەكلىكلەر
ساخارىننىڭ سۈمۈرلىشى كۆپ بولغاندا مېڭە ھۈجەيرە، توقۇلمىلارنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ. تېتىتقۇنى ئاز مىقداردا ئىشلىتىش بىخەتەردۇر، ئەمما يېشىغا توشمىغان بوۋاقلار ۋە تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ يىمىگىنى ياخشى. بوۋاق بۇنى يىگەندە مېڭە ھۈجەيرىلىرى سېسىپ كېتىشى مۇمكىن، ھامىلدار ئاياللار يىگەندە ھامىلىدە سىنىك كەمچىك بولۇش كۆرۈلۈپ، بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىرى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر