25 خىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر(2)

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ياخو تورى | ۋاقتى: 2012/04/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەمەتجان قادىر | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئىستېمال قىلىنىدىغان قارا ئاشلىقنىڭ تۈرى قانچە مۇرەككەپ بولسا شۇنچە ياخشى


مۇخبىرلارنىڭ بايقىشىچە، مەلۇماتلاردا تىلغا ئېلىنغان رەھبەرلەر ئوزۇقى ئادەتتىكى ئادەملەر پەرەز قىلغاندەك ئېسىل نازۇ-نېممەتلەر بولماستىن بەلكى ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ يەيدىغىنى كۆپرەك قارا ئاشلىق بولۇپ، گۆش ئاز ئىكەن. ئۇلارنىڭ بىر قاتار ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلىنى ئادەتتىكى پۇقرالارمۇ ئۆز ئەينى قوللىنالايدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىرقى ئوزۇقلىنىش بىر خىل، ئاق ئۇن، گۈرۈچ كۆپ، قارا ئاشلىقنىڭ ئىستېمال قىلىنىش مىقدارى ناھايىتى ئاز بولۇپ، بەدەندىكى ئىسسىقلىقنىڭ مىقدارى ئارتىپ كېتىدىكەن، بۇمۇ راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەپلەرنىڭ بىرى. ھازىرقى زاماندىكى ئادەملەر تاماق يېگەندە ئاشلىققا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ماينىڭ، كۆكتاتنىڭ مىقدارى ئارتىپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بىر ئادەم بىر كۈندە تۆت قاچا ئاق گۈرۈچ يىيەلەيدۇ، ئەگەر قارا ئاشلىقنىڭ ئىستېمال مىقدارىنى ئاشۇرسا، سالامەتلىككە تېخىمۇ پايدىسى بولىدۇ. قارىغۇلاچە كۆكتاتلا يەپ ئاشلىق يېمەسلىكمۇ ئوزۇقلۇق ئىلمىنىڭ پىرىنسىپىغا خىلاپ.
ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەرنى قانچە مۇۋاپىق تاللىسا شۇنچە ياخشى. قورۇلغان، چۈچىمەل، ئاچچىق نەرسىلەرگە ئوخشاش ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تاماقتىن كېيىنكى ئۇششاق-چۈششەك ېىمەكلىكلەر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە، بىراق كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان تەھدىتى كىچىك ئەمەس.
مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، رەھبەرلەرنىڭ ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكى كۆپىنچە قېتىق، قاتتىق پوستلۇق مېۋە، مېۋە، بۇغداي كېپىكى، قاتارلىقلار ئىكەن. چۈنكى بۇ يېمەكلىكلەر مېڭىنى ساغلام قىلىپ يۈرەكنى قۇۋەتلەيدۇ، بولۇپمۇ زىياپەتلەردە تەركىبىدە ۋېتامىن B بولغان يېمەكلىكلەرنى يەپ بەرگەندە ئاشقازان شىلىمشىق پەردىسىنىڭ زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئۇنداقتا، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئۇسۇلى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەقتىكى بىلىمگە قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز يازمىنىڭ كېيىنكى بېتىدە بولسۇن!

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر