25 خىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر(3)

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ياخو تورى | ۋاقتى: 2012/04/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەمەتجان قادىر | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

ئىلمى ئوزۇقلىنىشنىڭ ئۇسۇلى:
1. ھەر كۈنى بىر خالتا سۈت ئىچكەندە دۆلىتىمىزدە ئومۇمىيۈزلۈك مەۋجۇت بولغان كالتسىينىڭ سۈمۈرلۈشى تۆۋەن بولۇشتەك ئەھۋالنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر سۈت ئىچەلمەيدىغانلار بولسا قېتىق ياكى ئىككى ھەسسىچىلىك پۇرچاق قىيامى ئىچسە بولىدۇ.


2. ھەر كۈنى 250-350 گرامگىچە كاربون-سۇ بىرىكمىسى ئىستېمال قىلىپ بېرىش، شۇ كىشىنىڭ ئورۇق، سېمىزلىكىگە قاراپ تەڭشىسە بولىدۇ، ئەگەر ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەر بولسا مىقدارنى ئازايتىش كېرەك. پۇرچاق ئۈندۈرمىسى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ.
3. ھەر كۈنى ئۈچ ئۈلۈشتىن تۆت ئۈلۈشكىچە يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەكلىك ئىستېمال قىلىش: ئورۇق گۆش بىر سەر ياكى بىر تال تۇخۇم، ياكى پۇرچاق ئۇيۇتمىسىدىن ئىككى سەر، ئۆدەك غاز تۇخۇمىدىن ئىككى تال ۋە ياكى بېلىق راكتىن ئىككى سەر. بېلىق، پۇرچاق تۈرىدىكى ئاقسىلار بىر قەدەر ياخشى.
4. تۆت جۈملە سۆز بار: تومى بار ھەم ئىنچىكىسىمۇ بار؛ تاتلىق ئەمەس، تۇزلۇقمۇ ئەمەس(گۇاڭدۇڭنىڭ يېمەكلىك ئادىتىدە ھەر كۈنلۈك تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى 6-7 گىرامغىچە، شاڭخەينىڭ 8-9 گىرامغىچە، بېيجىڭنىڭ 8-9 گىرامغىچە، شەرقى-شىمالنىڭ 18-19 گىرامغىچە بولىدۇ. گۇاڭدۇڭنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق، ئۇنىڭدىن قالسا شاڭخەي.)؛ تاماق قېتىم سانى ئۈچ، تۆت، بەش قېتىم بولۇش(ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلىگەن ئاساستا، تاماق قېتىم سانىنى كۆپەيتىش دىئابېت كېسىلى، قاندىكى ماينىڭ مىقدارى ئارتىپ كېتىش قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر