25 خىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر(6)

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ياخو تورى | ۋاقتى: 2012/04/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەمەتجان قادىر | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

رەھبەرلەر يېمەكلىكىنى پىشۇرۇش ئۇسۇلى
پىشۇرۇشتا دۈملەش، قاينىتىش، ئارىلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئاساس قىلىنىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىش تەبئىيكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ خوراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تۆۋەن مايلىق ئوزۇقلىنىشقا كاپالەتلىك قىلىشتۇر. بىراق رەھبەرلەر يېمەكلىكىدە قورۇلغان يېمەكلىكلەر يوقمۇ ئەمەس، بىر ھەپتىدە بىرەر قېتىم يېيىلىسە بولىدۇ، چۈنكى بۇ خىل ئۇسۇلدا پىشۇرۇلغان سەيلەر ناھايىتى يېيىشلىك كېلىدۇ.
قانداقلا ئۇسۇل قوللىنىلسۇن ھەممىسىدە تۆۋەن تۇز، تۆۋەن ماي، يۇقىرى تالالىق بولۇش پىرىنسىپىغا قەتئىي رىئايە قىلىش كېرەك.


ئوزۇقلانغاندا مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەشنى ئۇنۇتماسلىق
مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. مېڭىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى بىر قەدەر يۇقىرى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش رىسالىلىرىدە ئاز بولمىغان مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇپ، يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان يېمەكلىكلەر بار. مەسىلەن، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، كۈنجۈت، ئۆرۈك مېغىزى، ياڭاق قاتارلىقلار. بولۇپمۇ ئۆرۈك مېغىزىدا مول بولغان ۋېتامىن E، مانگان قاتارلىق ئېلمىنىتلار ۋە يۈرەككە پايدىسى بولغان ئامېنوت كىسلاتاسى بار.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر