25 خىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر(7)

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ياخو تورى | ۋاقتى: 2012/04/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەمەتجان قادىر | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

پەقەت يېمەكلىككىلا دىققەت قىلش يېتەرلىك ئەمەس، بۇنىڭدىن سىرت كەڭرى بولغان كۆڭلى-كۆكسى، ئۈزۈلدۈرمەيدىغان چېنىقىش بولۇش كېرەك. 
سېڭ شۈيۈەن «102 ياشلىق مويسىپىت گېنىرال بولۇپ، ئۇ ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا تېنىس توپ ئوينىغان، تاكى 88 ياشقىچە ھەر ھەپتىسى يەنە تۆت، بەش مەيدان، ھەر مەيداندا بىر ئىككى سائەت ئويناشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغان»، دەيدۇ.
توققۇز خىل يېمەكلىك كىشىنى ئەقىللىق قىلىدۇ، بەش خىل يېمەكلىك كىشىنى دۆت قىلىدۇ. بالىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئېقتىدارى ئېرسىيەت، مۇھىت ئامىللىرىدىن باشقا يەنە ئوزۇقلىنىشىدىنمۇ ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، نۇرغۇن قارىماققا ئاددىي كۆرۈنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ بالىنىڭ مېڭىسىگە بولغان پايدىسى كۆپ بولۇپ، بۇنى بالىنىڭ ئۈچ ۋاق تامىقىغا ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ.


1. تېرىق: تېرىقتا كۆپ مىقداردا ئاقسىل، ياغ، كالتىسىي، تۆمۈر، ۋېتامىن B قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار كۆپ بولۇپ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدىغان ئاساسلىق يېمەكلىكلەر دەپ قارىلىدۇ.
2. تۇخۇم: تۇخۇمدا كۆپ مىقداردا لېتسىتىن بولۇپ، بۇ چوڭ مېڭىدىكى ئاتسېتىلخولىننىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بالىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. بالا ھەركۈنى ئەتىگەندە 1-2 تالغىچە تۇخۇم يەپ بەرسە، مېڭىنى قۇۋۋەتلەپلا قالماي، يەنە زېھنىنى ئۇرغىتىدۇ.
3. پۇرچاق: پۇرچاقتا كۆپ مىقداردا ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇلار مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشى ۋە تولۇقلاشتىكى ئاساسلىق تەركىبلەردۇر. پۇرچاقتا يەنە لېتسىتىن، تۆمۈر ۋە ۋېتامىن قاتارلىقلار بولۇپ، مۇۋاپىق قوبۇل قىلغاندا بالىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىسى بار.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر