25 خىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر(8)

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ياخو تورى | ۋاقتى: 2012/04/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەمەتجان قادىر | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

4. بېلىق گۆشى: بېلىقتا گلوبۇلىن، ئالبۇمىن ۋە كۆپ مىقداردا تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى شۇنداقلا مول بولغان كالتىسىي، فوسفور، تۆمۈر، ۋېتامىن قاتارلىقلار بولۇپ بۇلارنىڭ ھەممىسى بالىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.
5. قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك: قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راكتا كالتىسىينىڭ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ھەر 100 گرامدا 2000 مىللىگرام كالتىسىي بار. يېتەرلىك كالتىسىي مېڭىنىڭ ئەڭ ياخشى خىزمەت ھالىتىنى ساقلاپلا قالماستىن يەنە بالىلاردىكى باشقا كالتىسىي كەملىكتىن كېلىپ چىققان كېسەللىكلەرنى داۋالايدۇ. بالا مۇۋاپىق مىقداردا قۇرۇتۇلغان ئۇششاق راك يەپ بەرسە، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي يەنە سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا پايدىسى بار.
6.سۈت: ھەر 100 گرام سۈتتە 3.5 گرام ئاقسىل، 125 مىللىگرام كالتىسىي بار. سۈتتىكى كالتىسىي نېرۋا ۋە مۇسكۇلنىڭ ھاياجانلىقىنى تەڭشەيدۇ، بالا ھەركۈنى ئەتىگەندە بىر ئىستاكان سۈت ئىچىپ بەرسە، بالىنىڭ چۈشىنىش ئېقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مېڭىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.


7. پىياز- سامساق تۈرىدىكىلەر: پىياز- سامساقتا پروستاگلاندىن A بولۇپ، ئادەتتە بالىغا كۆپرەك پىياز- سامساق يېگۈزگەندە، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغىلى بولىدۇ.
8. ھايۋاننىڭ جىگەر بۆرىكى: ھايۋانلارنىڭ جىگەر بۆرىكىدە مول بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك ئاقسىل، گلىكولىپىد ۋە كۆپ مىقداردا خولىن ۋە تۆمۈر بار. خولىن ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ياخشىلايدۇ، تۆمۈرنىڭ تەمىنلىنىشى ياخشى بولسا، قىزىل قان دانىچىلىرىنىڭ ئوكسېگىن توشۇش ئېقتىدارى كۈچىيىدۇ، مېڭىمۇ يېتەرلىك ئوكسېگىنغا ئېرىشىپ، ئەستە تۇتۇشىمۇ ياخشى بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر