25 خىل ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشتە كەم بولسا بولمايدىغان يېمەكلىكلەر(9)

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ياخو تورى | ۋاقتى: 2012/04/04 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەمەتجان قادىر | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

9. ياڭاق مېغىزى: ياڭاق مېغىزىدا %40-%60 تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بار، مېڭە ھۈجەيرىسىنى تەشكىل قىلىدىغان ماددىنىڭ %60 تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىدۇر. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى چوڭ مېڭىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان « قۇرۇلۇش ماتېرىيالى » ھېسابلىنىدۇ. بالا ياڭاق مېغىزىنى دائىم يەپ بەرسە مېڭىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق.


بەش خىل يېمەكلىك يېگەنسىرى كىشىنى دۆت قىلىدۇ، كىشىنىڭ ئىنكاسىنى ئاستىلىتىپ، مېڭىنى بالدۇر قېرىتىۋىتىدۇ. بېلىق تۈرىدىكىلەر، سەۋزە، سۇڭپىياز قاتارلىق يېمەكلىكلەرنىڭ مېڭىنى قۇۋۋەتلەش رولى بار، ئۇنىڭ ئەكسىچە، يەنە بىر قانچە خىل يېمەكلىك باركى، ئۇلار سىزنى دۆت قىلىۋىتىدۇ، ئىنكاسىڭىز ئاستىلاپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەشتەك مېڭە قېرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
تۇزلۇق يېمەكلىكلەر: ئادەم بەدىنىنىڭ تۇزغا بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەن ئادەم ھەر كۈنى 7 گرامدىن تۆۋەن، بالىلار 4 گرامدىن تۆۋەن بولسىلا كۇپايە. دائىم تۇزلۇق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، ئارتېرىيە تومۇرنى زەخىملەندۈرۈپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر قىلىپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى ئۇزۇن ۋاقىت قان، ئوكسېگىن كەمچىل ھالەتتە تۇرغۇزۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ، مېڭە بالدۇر قېرىپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر