ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى دېزوگېسترېل ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى

دورا نامى: ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى دېزوگېسترېل ۋە ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشى | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2011/09/02 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

دېزوگېسترېل (Desogestrel 去氧孕烯)
[باشقا نامى]  地素高诺酮  马富隆  Cycleare Marvelon
[تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى] بىرخىل كۈچلۈك بولغان ھامىلدارلىق ھورمونى، ئىچكەندە يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى 42.5~21 سائەت. ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئەرلىك ھورمون رولى يوق، يەنە يۇقىرى زىچلىقتىكى ماي ئاقسىلىنى ئۆرلىتىدۇ. تۇخۇم چىقىرىشىنى كۆرۈنەرلىك تورمۇزلاش رولىغا ئىگە. كلىنىكىدا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
[ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى] مۇرەككەپ دېزوگېسترېل تابلېتكىسىنى ھەيزنىڭ 1-كۈنىدىن اشلاپ، كۈندە بىر تال، جەمئىي 21 كۈن ئىچىپ، يەتتە كۈن توختىتىلىدۇ. 29-كۈنىدىن باشلاپ ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە ئىچىلىدۇ.


[ناچار تەسىرى] بەزىدە بالياتقۇدىن تەرتىپسىز قان چىقىش ئەھۋالىرى كۆرۈلىدۇ. باشلىنىشتا كۆرۈلۈش ئېھتىمالى يۇقىرى، يېرىم يىلدىن كېيىن ئازىيىدۇ. كۆڭۈل ئېلىشىش، باش ئاغرىش، ھەيز توختاش، ئەمچەك چىڭقىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
[دىققەت قىلىدىغان ئىشلار] ئېغىر جىگەر ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغۇچىلار، قان نۆكچىسى ھاسىل بولغان بىمارلار، سۈت بېزى راكى، بالىياتقۇ راكى، ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللارغا  ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
[ياسالمىسى ۋە ئۆلچىمى] مۇرەككەپ تابلېتكىسى: ھەر تابلېتكىدا دېزوگېسترېلدىن 0.15mg، ئېستىنىلدىن 0.03mg بولىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار