مەزى بېزى يوغىناشنى داۋالاش دورىسى ئالپروستادىل

دورا نامى: مەزى بېزى يوغىناشنى داۋالاش دورىسى ئالپروستادىل | خەنزۇچە نامى: | ئىنگىلىزچە نامى:
يوللانغان ۋاقتى: 2011/07/05 | كۆرۈلۈشى: قېتىم

ئالپروستادىل (Alprostadil  PGE  前列地尔)
[باشقا نامى]  前列腺素 E1
[تەسىرى ۋە ئىشلىتىلىشى]  زەكەر قىزىل (ئارتېرىيەنى)  تومۇرىنى كېڭەيتىپ، زەكەر ئارتېرىيىسىنىڭ قان ئايلىنىشىنى تېزلىتىدۇ. زەكەر تىكلىنەلمەسلىك كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ماس كېلىدۇ.
[ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى] 0.945% لىك بېنرىل ئالكوھول بىلەن ساقلانغان ياكى تەركىبىدە بېنرىل ئالكوھول بولغان مىكروبسىزلاندۇرۇلغان ئوكۇل سۈيى بىلەن تەڭشەپ، زەكەر بۇلۇتسىمان تېنىگە ئوكۇل قىلىنىدۇ. مىقدارى ھەر بىر كېسەلنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ بولىدۇ. ئادەتتە ھەر قېتىم 20ug~10 ئىشلىتىلىدۇ.
[ناچار تەسىرى] باش ئاغرىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قان بېسىم، قۇسۇش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىش، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئەگەر زەكەر بۇلۇتسىمان تېنىگە ئوكۇل قىلىنسا، زەكەر ئاغرىش ۋە نورمالسىز تىكلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.


[دىققەت قىلىدىغان ئىشلار]  بۇ دورا رېئاكسىيە قىلغۇچىلارغا ۋە زەكەر ئىزچىل تىكلىنىش ئېھتىماللىقى بارلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئوغاقسىمان ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق، كۆپ مەنبەلىك يىلىك ئۆسمىسى، قان راكى ۋە زەكەرنىڭ ئاناتومىيىلىك تۈزۈلۈشى غەيرىي بولغانلارغا
ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ. ئوكۇل قىلغاندا زەكەر تىكلىنىش نورمال بولمىغانلار دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈشى لازىم. كۆز بېسىمى يۇقىرى بىمارلار، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش دورىسى ۋە قان قېتىشقا قارشى دورىلارنى ئىشلەتكەنلەرگە ئىشلىتىش چەكلىنىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك دورىلار