بالىلارنىڭ بويىنى قانداق ئۆستۈرۈش كېرەك؟

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2017/02/25 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa03 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 03

 بالىنىڭ بوي ئېگىزلىكى نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ باش قېتىنچىلىقى بولۇپ قالدى، ھەر قېتىم يازلىق تەتىل كەلگەندە، ھەرقايسى دوختۇرخانىلارنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئامبۇلاتۇرىيەسى يۇقىرى دولقۇن مەزگىلىنى كۈتىۋالىدۇ. مۇخبىرلار ئامبۇلاتۇرىيەدە «قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى مەسلىسىنى بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ؟»،  «بالىنىڭ بويىنىڭ ئېگىز ئۆسۈشى ئۈچۈن قانداق ياردەم بېرىش كېرەك؟» دېگەن مەسىلىلەرنىڭ  ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ بىلگۈسى كېلدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇنىڭ ئۇچۈن، «ھاياتلىق گېزىتى» بېيجىڭ شىيې خې دوختۇرخانىسى ئىچكى ئاجرىتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن پروفېسسورى فەن خۇينى ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن مەسىلىلەرگە جاۋاپ بېرىشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلدى.
فەن خۇي ھەر-بىر بالىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلىرىنىڭ دەسلىپىدە تېز، كېيىن ئاستا، بىراق پەقەت نورمال دائىرە ئىچىدە بولسا ئەنسىرەش ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. بالىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتىگە ھۆكۈم قىلىشتا، ئەڭ ئاددى ئۇسۇل بىر فورمىلانى ئۆگىنىۋېلىش، يەنى ئۈزلىكسىز ئۈچ ئاي، ھەر ئايدا بىر قېتىم بالىنىڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچەپ، ئۈچىنچى ئايدىكى ئۆلچىگەن ئېگىزلىكىدىن بىرىنچى ئايدىكى سانلىق قىممەتنى ئېلىۋېتىپ ئۈچكە بۆلۈپ ئوتتۇرىچە سانلىق قىممەتكە ئېرىشىپ ئاندىن 12 گە كۆپەيتىمىز. بىر ياش  ۋاقىتتا بۇ سۈرئەت ھەر يىلى 25سانتىمېتىر ئەتراپىدا؛ ئىككى ياش ۋاقىتتا 10سانتىمېتىر ئەتراپىدا؛ 3~16 ياشلىق دەۋرىدە بولسا ھەر يىلى5~6 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ.

 


ئەگەر 3 ياشتىن كېيىن ئوتتۇرىچە قىممىتى 4 سانتىمېتىردىن تۆۋەن بولسا، بالىنىڭ ئۆسۈش سۈرئىتى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۇرىدۇ، ھەم ئوخشاش ياشتىكىلەر بىلەن بولغان پەرقى بارغانسېرى چوڭلاپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بالىنى ۋاقتىدا بالىلار ئىچكى ئاجرالما بۆلۇمىگە ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك.

بالىنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان زادى نىمە؟
فەن خۇينىڭ كۆرسىتىشىچە بالىنىڭ بوينىڭ ئۆسۈشى تۇغما بولمايدىكەن، ئېرسىيەتتىن باشقا يەنە بوي ئۆستۈرۈدىغان نۇرغۇنلىغان ئۇسۇللار بولۇپ، بۇ ئۇسۇللار ئاتا-ئانىلارنىڭ بايقىشىغا موھتاج ئىكەن.

ئالدى بىلەن ئوزۇقلۇق. پاكار بالىلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدا ناچار ئوزۇقلۇق ئادىتى بار بولۇپ،  بەك تويغىچە غىزالىنىش، تاماق تاللاش، ئەتىگەنلىك تاماق يىمەسلىك، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش قاتارلىقلار ھەممىسى ئۆسۈشكە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. بوينىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن، مېنىراللارنىڭ بىرسى كەم بولسىمۇ بولمايدىكەن. ھەر كۈنى بىر ئىستاكان سۈت  ئىچىش بوي ئۆستۈرىدىغان مەخپى ئۇسۇللارنىڭ بېرى ھېسابلىنىدىكەن. مېنىراللارنىڭ تەركىبىدە چوقۇم سىنىك، فوسفور، كالتىسىي كەم بولماسلىقى، بۇنىڭدىن باشقا «مەنىۋىي ئوزۇقلۇق» مۇ ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئەگەر بالىغا كىچىكىدىن باشلاپ غەمخورلۇق كەم بولسا، بويى ئوخشاش ياشتىكىلەردىن پاكار بولىدىكەن.
ئىككىنچىدىن ھەرىكەت. ھەر كۇنى 1 سائەت سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىش زۆرۈر، كىچىك بالىلار ئۆزى ياكى باشقىلارنىڭ ياردىمىدە ھەرىكەت قىلىش؛ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار يۇقىرىغا سەكرەش ھەركىتى ئىشلەش، مەسىلەن رېزىنكە ئويناش، تەپكۈچ تېپىش ۋە ھەر خىل توپ تۇرلىرى قاتارلىقلار. ياش-ئۆسمۇرلەر  ئېگىزگە سەكرەش قاتارلىق قاڭقىيدىغان ھەم پۈتۇن بەدەن خارەكتېرلىك ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش، مەسىلەن، ۋاسكېتبول، ۋالىبول قاتارلىقلار.
بىراق ئېغىرلىق كۆتۈرۇش، شتانكا، چۈيۈن توپ، دىسكا قاتارلىق ئېغىرلىق كۆتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى 18 ياشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى ئىشلىمەسلىك كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا بەزى بالىلار تۇرۇش، ئولتۇرۇش، مېڭىش، ئوقۇش، يېزىش ھالەتلىرىگە دىققەت قىلمايدۇ، ئادەت خارەكتېرلىك بېشىنى ئىچىگە تىقىپ مېڭىش (دوك)، ئومۇرتقا شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش، قاتارلىقلارمۇ بوينىڭ ئۆسىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئۈچىنچىدىن ئۇيقۇ. ئۆستۇرگۇچى ھورمۇننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى كېچىسى قاتتىق ئۇخلىغاندا  ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ. 3~6 ياشقىچە بولغان بالىلار ھەر كۈنى 10~12 سائەت؛ باشلانغۇچ، تولۇقسىز مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى 9~10 سائەت؛ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى 8~9 سائەت ئۇخلاش كېرەك. قاتتىق ئۇيقۇ ھالىتىگە تېزرەك كىرىش ئۈچۈن، بالىلارنى ئەڭ ياخشىسى كەچ سائەت 10 دىن بۇرۇن ئۇخلىتىش،  بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر تۇرۇش كېرەك.

تۆتىنچىدىن بولسا رايون، كىلىمات. جەنۇپتىن شىمالغا كىشىلەرنىڭ بوي ئېگىزلىكىدە ھەقىقەتەن پەرق بار. شىمالنىڭ كىلىماتى سوغۇق، بۇ  جايدا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىنڭ ماددا ئالماشتۇرىشى تېز، تەرەققى قىلىش ۋاقتى ئاساسەن سەل كېيىن، ئاساسى ئېگىزلىكى ئازىراق ئېگىز، شۇڭا بوي-بەستى ئېگىزرەك بولىدۇ. ئسسىق بەلباغ رايونىدا ياشايدىغان كىشىلەركىلىماتى ئىللىق ياكى ئىسسىق بولغانلىقتىن، ئادەم بەدىنىنڭ ماددا ئالماشتۇرىشى تېز، ئاساسەن ياشلىق دەۋرىدە تەرەققى قىلىشى بىر ئاز بالدۇر، ئاساسى بوي ئېگىزلىكى تۆۋەن، بوي-بەستى كىچىكرەك بولىدۇ. پەسىلمۇ ئادەمنىڭ بويىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر تۈرلۇك تەتقىقاتىدا بايقىلىشچە، بالىلارنىڭ باھار ۋە ئەتىياز پەسلىدە ئۆسۈشى تېز، ياز ۋە قىشتا ئاستا بولىدىكەن.

بەشىنچىدىن كېسەللىك. جىنسىي جەھەتتىن بالدۇر يېتىلگەن بالىلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ تەرەققىياتى بالدۇر، پۈتۈشىمۇ تېز بولۇپ، ئاخىرىدا بويى ئادەتتىكى بالىلاغا قارىغاندا پاكا بولىدۇ. ئاستا-خارەكتېرلىك ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى، يۈرەك كېسىلى،  قاتارلىقلار ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە توسقۇنلۇق قىلدىغان كېسەللىكلەر، بەدەنگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بوينىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا قالقانسىمان بەز، گىپوفىز خىزمىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ بوي ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر