خانىم-قىزلار ھەيز مەزگىلىدە قانغۇچە ھۇزۇرلانسا بولىدىغان 7 ئىش

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/09 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
  ئەلداۋادىن خانىم-قىزلار سەمىگە: ھەيز دېگىنىمىز-بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ دەۋرىيلىك ھالدا ئاجراپ چۈشۈشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بالىياتقۇ قاناش. بۇ خىل دەۋرىيلىكتىن بالىياتقۇدىن قان چىققان جاي بولسا تۇخۇمداننىڭ دەۋرىيلىك ئۆزگىرىشى ئاساسىدا شەكىللەنگەن، شۇنداقلا ھەيز يەنە ئاياللارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى...
  ئادەتتە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېگۈڭىز كەلسىمۇ، سەمرىپ كېتىشتىن قورقۇپ يېيەلمەمسىز؟ مانا بۇ ئارزۇنى ھەيز مەزگىلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. چۈنكى ھەيز مەزگىلى «ئورۇقلاش پاراۋانلىق مەزگىلى »، « ھورمۇن تەڭشەش مەزگىلى» دۇر. سىز بۇ مەزگىلدە بۇ يەتتە خىل ئىشتىن قانغۇچە ھۇزۇر ئېلىشنى ھەرگىز قولدىن بېرىپ قويماڭ!
 
  بىرىنچى ھۇزۇر: تاتلىق يېمەكلىكلەرنى قانغۇچە يېيىش
  ماروژنى، مېۋە تەملىك كەمپۈت... ھەيز كۆرۈش ۋاقتىڭىزدا، بۇلارنى «ئورۇقلاش» يېشىل چىرىغى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ. ھەيزنىڭ 1-كۈنى، ئادەم بەدىنىدىكى قەنت مېتابولىزمى سۈرئىتى ئادەتتىكىدىن %16 يۇقىرى بولىدۇ، 2-3-كۈنىدە، قەنت مېتابولزم سۈرئىتى ئەسلىدىكىدىن بىر ئۈلۈش يۇقىرى بولىدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئادەتتە كەچلىك تاماقتىن كېيىن، ماددا ئالمىشىش سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا بولىدۇ. لېكىن ھەيز مەزگىلىدە بولسا، كەچتىكى ماينى كۆيدۈرۈش سۈرئىتى كۈندۈزدىكىدىن ئازراقمۇ پەرقلەنمەيدۇ.
  ئەگەر سىز ئىزچىل بىر تەرەپتىن كەچلىك كىنو كۆرگەچ، بىر تەرەپتىن قوناق ئېتىلمىسى يېيىشنى ئويلاپ كەلگەن بولسىڭىز، بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى ھەيز مەزگىلىدۇر. ئەلۋەتتە، ھەيز كېلىپ 4-كۈنىدىن باشلاپ، ئادەم بەدىنىدىكى قەنت مېتابولىزم سۈرئىتى ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كېلىشكە باشلايدۇ، ئۇ ۋاقىتتا چوقۇم ئۆزىڭىزنىڭ ئاغزىنى ئوبدان باشقۇرۇشىڭىز كېرەك. 
  ئىككىنچى ھۇزۇر: سۇ تولۇقلايدىغان يۈز چاپلىقىنى ئىشلىتىش
  ھەيز مەزگىلىدە، بەدەن ئىچىدىكى ھورمۇن سۇ مىقدارى تەكشى تېزلىكتە يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. بۇ چاغدا تېرىڭىز قۇرغاقلىشىپ، ھەتتا تەر تۆشۈكچىلىرى كىچىكلەپ يوقاپ كېتىدۇ. ئەگەر سىز يۇقىرى دولقۇنلۇق ھورمۇن مەزگىلىدە تېرىگە يېتەرلىك مىقداردا سۇ تولۇقلىسىڭىز، سۇ مولېكۇلاسىنىڭ ھەقىقىي تېرە قەۋىتىدە تۇرۇش ۋاقتى ئادەتتىكىدىن زور دەرىجىدە ئاشىدۇ. ھەيز ئاخىرلاشقاندا بولسا، تېرىڭىز بۇرۇنقىدىنمۇ پارقىراق، نۇرلۇق كۆرۈنىدۇ.
  يەنە بەزى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ھەيز مەزگىلىدە ئاياللار تېرىسىنىڭ مېۋە كىسلاتاسىنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك بولىدىكەن. ئەگەر سىز بۇ ۋاقىتتا كۆپرەك مېۋە يېسىڭىز، ياكى ئالما، لىمون قاتارلىق ئاپتاپتىن ساقلاش ئىقتىدارى بولغان مېۋىلەردىن يۈز مەلھىمى ياساپ ئىشلەتسىڭىز، ياز پەسلىدە كۆيۈپ قارىداپ كېتىشتىن ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
  ئۈچىنچى ھۇزۇر: گازلىق ئىچىملىك ئىچىش
  بۇژۇلداپ كۆپۈكچىلەر ئۆرلەپ تۇرغان گازلىق ئىچىملىكنى ئىچكەندە، يۈرەكنىڭ شادلىق يوشۇرۇن كۆرسەتكۈچى %18 ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ! لېكىن گازلىق ئىچىملىكنىڭ يېتەرسىزلىكى، ئۇنىڭدىكى كۆپ مىقداردىكى قەنت سىزنى سەمىرىتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالاھىدە تەركىب يەنە سۆڭەك ئىچىدىكى ئاقسىلنى كالتسىينى سۈمۈرۈۋالىدۇ... 
  لېكىن خۇش خەۋەر شۇكى، ھەيز مەزگىلىدە سۆڭىڭىكىزدە ئۆز-ئۆزىنى قوغداش رېئاكسىيەسى پەيدا بولىدۇ، بەدەن سىرتىدىن قان ئېقىشتىن پەيدا بولىدىغان سۆڭەك ئىچىدىكى تۆمۈر ئېلېمېنتىنىڭ «ئوغرىلىنىپ» كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇ خىل قوغدىنىش ئىنكاسى كالتسىي ئېلېمېنتىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى قوغدايدۇ. بۇ چاغدا ئازراق گازلىق ئىچىملىك ئىچىپ بەرسە، ئاساسىي جەھەتتىن كالتسىي كەملىك مەسىلىسىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز! ئەمما ھەيز مەزگىلىدىكى قەنت مېتابولىزم جەريانى ھەرگىزمۇ سىزنى چوقۇم گازلىق ئىچىملىك ئىچسە سەمرىپ كېتىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ھەرگىز ئاچكۆزلۈك قىلىپ سوغۇق مۇز قوشۇلغان سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەڭ، زىيادە سوغۇق تېمپېراتۇرا تېنىڭىزنى مۇزلىتىپ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدىكى گازلىق ئىچىملىك ئەڭ ياخشى تاللاش.
  تۆتىنچى ھۇزۇر: ياخشى مەزمۇنلۇق كىتاب ئوقۇش
  WHO (دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى) تېببىي تەتقىقاتلىرىدا بايقىلىشىچە، ھەيز مەزگىلىدە، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىڭىز روشەن ھالدا يۇقىرى بولۇپ، تەپەككۇر ئىقتىدارىڭىزمۇ ئادەتتىكىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدىكەن! تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ھەيزدار ھالەتتىكى سىز گەرچە سەزگۈر، ئاسان ھاياجانلىنىش ھالىتىدە بولسىڭىزمۇ، لېكىن ئاسانلا يېزىقچىللىققا كىرىشەلەيسىز. 
  تەكلىپىمىز شۇكى، سىز بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەزمۇنى ياخشى بولغان كىتابتىن بىرنى ئوقىسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئوقۇش ئۈنۈمىڭىزنىڭ ئادەتتىكىدىن كۆپ يۇقىرى بولغانلىقىنى بايقايسىز.
  بەشىنچى ھۇزۇر: ئۇۋۇلىنىش
  ئەنئەنىۋى قاراشتا، ھەيز مەزگىلىدە ئۇۋۇلانسا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئۇۋۇلاشنىڭ قان ئېقىمىنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئامېرىكا نىيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ ئاياللارنىڭ ساغلاملىق ئۆگىنىش جەريانىدىكى ئىلمىي بولمىغان خاتا قاراشلارنىڭ بىرى، بەلكى يەڭگىل ھالدا ئاستا ئۇۋۇلاش تېنىڭىزدىكى قان ئېقىمىنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەنى مۇسكۇلنى بوشاشتۇرۇپ، ئاغرىقنى يەڭگىللىتىدۇ.
  پەقەت ئۇۋۇلاش ئۇستىسى سىزنىڭ دۈمبىڭىزنىڭ ئاستىنقى تەرىپىنى، بالىياتقۇ ئەتراپىنى زىيادە باسمىسىلا، سىزنىڭ ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ھەيزدار مەزگىلىدە ماينىڭ كۆيدۈرۈلىشى بىر قەدەر تېز بولغاچقا، مۇۋاپىق ھالدا ئۇۋۇلاشنىڭ يەنە ئورۇقلاشقا پايدىسى بار. 
  ئالتىنچى ھۇزۇر: كۈندە 9 سائەت قېنىپ ئۇخلاش
  ئامېرىكا تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئاق ياقىلىق ئالدىراش ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشى بولغان ئۇخلاش ھالىتى 9 سائەت 15 مىنۇت! ئادەتتە شۇنچە ئۇزۇن ئۇخلاش ۋاقتىغا ئېرىشمەك بەك قىيىن. مانا بۇنىڭغا ھەيز مەزگىلىدە ئوبدان بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. ھەيز مەزگىلىدە ھورمۇن ئاجرىلىش يۇقىرى ھالەتتە بولغاچقا، سىزنىڭ تېرىڭىز ئەڭ ياخشى ھالەتكە يېتىدۇ. ئەگەر قوشۇمچە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولسا، تېرىڭىز شۇنچە پارقىراق سىلىق بولىدۇ. يەنە تولۇق بىر ئاي تولۇپ تاشقان ئاياللىق سېھرىي كۈچنى ساقلىغىلى بولىدۇ.
  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىر ئىستاكان ئىسسىق تاتلىق پۇرچاق سۈتى ئىچكەندە، كالورىيە تولۇقلاپلا قالماستىن، يەنە ئاشقازان-ئۈچەي ۋە چوڭ مېڭىنىڭ ھەرىكىتىنى ئەركىن ھالەتكە كەلتۈرۈپ، سىزنىڭ تاڭ سەھەرگىچە خاتىرجەم ئۇخلىشىڭىزغا ياردەم قىلىدۇ.
  يەتتىنچى ئىش: پۇتنى راھەتلەندۈرۈش
  ئىككى پۇت بولسا ئادەم بەدىنى بىلەن زېمىننى تۇتاشتۇرغۇچى غول «لىنىيە ». ھەيز مەزگىلىدە بەدەندىكى ھۈجەيرە ۋە توقۇلمىلار ئېچىلىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، بۇ چاغدا پۇتنى ئۇۋۇلاپ، مايلاپ راھەتلەندۈرگەندە، تېز سۈرئەتتە بەدەندىكى زەھەرنى تازىلاشقا ياردەم قىلىدۇ.
  ئامېرىكا نىيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي تەتقىقاتلىرىدىن بايقىلىشىچە، ھەيز مەزگىلىنىڭ 1-كۈنى، پۇتنى راھەتلەندۈرگەندە، بەدەندىكى زەھەرنى ھەيدەش سۈرئىتى %9 ~ %15 كېچە تېزلىشىپ، ئۈنۈملۈك ھالدا ئاغرىقنى ئازايتىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن. 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر