جىگەر كېسىلىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ

سەھىپە: ئاياللار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/10 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
   ئەلداۋا تېببىي ساۋات:  ئانىدىن بالىغا تارقىلىش تۈز تارقىلىش دېيىلىدۇ. B تىپلىق، C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ ئىندىكاتورى مۇسبەت بولغان ئانىنىڭ ۋىرۇسىنى بالىلىرىغا بىۋاسىتە قالدۇرۇش يولى ئانىدىن بالىغا يۇقۇش دەپ ئاتىلىدۇ. مەلۇم بىر ئائىلىدە، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ ئىندىكاتورى مۇسبەت بولسا، ئادەتتە ئانىسىنىڭ مۇسبەت بولغان بولىدۇ. تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلىمى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ سىرتقى يۈز ئانتىگېنى ( HBAg) مۇسبەت بولغان ئانىنىڭ بالىلىرىنىڭ  مۇسبەت بولۇش نىسبىتى %30~%40 گىچە بولىدۇ.  مەنپىي بولغان ئانىنىڭ بالىلىرىنىڭ HBAgمۇسبەت بولۇش نىسبىتى %10 تىن تۆۋەن بولىدۇ. بۇ پەرزەنتلەرنىڭ HBV بىلەن يۇقۇملىنىشى ئانا بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. C تىپلىق جىگەر ئىندىكاتورى مۇسبەت بولغان ئانىنىڭ بالىلىرىنىڭ C تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى B تىپلىقنىڭكىدەك يۇقىرى بولمىسىمۇ، لېكىن تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە C تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئىندىكاتورى مەنپىي بولغان ئانىدىن تۇغۇلغان بالىلارغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.
  ئانىدىن بالىغا ئىككى خىل ئۇسۇلدا تارقىلىدۇ:
① بالىياتقۇ ئىچىدە يۇقىدۇ ( %5~%15 نى ئىگىلەيدۇ )، مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى 3 ئېيىدا پەيدا بولىدۇ، يەنى ئانىنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇس بالا ھەمراھىدىكى قاننىڭ ئالمىشىشىدىن بالىياتقۇدىكى ھامىلىگە بىۋاسىتە يۇقىدۇ.
② تۇغۇتلىق مەزگىلىدە يۇقىدۇ ( %85~ %95 نى ئىگىلەيدۇ )، تۇغۇتتىن كېيىنكى يېرىم ئاي ئىچىدە ياكى تۇغۇش جەريانىدا جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئاساسەن تېنىدە ۋىرۇس بولغان ئانىنىڭ قېنى ھامىلىنىڭ زەخىملەنگەن تېرىسى ياكى بالىنىڭ ھەمراھىغا سىڭىش ئارقىلىق يۇقىدۇ ياكى تۇغۇت ۋاقتىدا ھەمراھى يېرىلىدىغان بولغاچقا، ئاز مىقداردىكى ئانىنىڭ قېنى بالىنىڭ قېنىغا كىرىپ كېتىدۇ؛ بالا تۇغۇلۇش يولىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئانىنىڭ قېنى، باش سۈيى ۋە جىنسىي يول ئاجراتمىلىرىنى ئىچىۋېلىشتىن يۇقۇملىنىدۇ؛ يەنە ۋىرۇسى مۇسبەت بولغان ئانىنىڭ ئېمىتىشىدىن يۇقۇشىمۇ مۇمكىن. يېڭى تۇغۇلغاندا تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالسا، ئىممۇنىتېتقا قارشى تۇرىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئاسان يۈز بېرىپ ئۇزاق مۇددەت، ھەتتا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر