تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە رولى

سەھىپە: بالىلار | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
   ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات:  تۇراقلىق چىشنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، تۇراقلىق چىش بولسا سۈت چىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىنلا چىقىدىغان ئىككىنچى خىل چىش بولۇپ، سەۋەبسىز كېسەل بولۇپ ياكى ئېھتىياسىزلىقتىن چۈشۈپ كەتسە، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا چىش چىقمايدۇ. تۇراقلىق چىش ئالتە ياش ئەتراپىدا چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتىكى تۇراقلىق چىش گەرچە ئۆسۈپ چىققان بولسىمۇ، بىراق چايناش يۈزى تېگىشمىگەن، شەكلى، تۈزۈلۈشى جەھەتتە تېخى تولۇق شەكىللەنمىگەن ۋە چىش تولۇق چىقىپ بولمىغان بولغاچقا، ياش تۇراقلىق چىش دېيىلىدۇ. ياش تۇراقلىق چىش ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتقان بولغاچقا، چىش يىلتىزى تېخى شەكىللەنمىگەن، چىش ئۇچى تۆشۈكى ئېچىۋېتىلگەن ۋارونكا شەكىللىك بولىدۇ. ياش تۇراقلىق چىشنىڭ يىلىك بوشلۇقى نىسبەتەن كەڭ ھەم چوڭ، چىش يۈزى قىرلىرى ئېگىز، چىش يىلتىز نەيچىسى توم ھەم يوغان بولۇپ، كەڭ بولغان يىلتىز ئۇچى تۆشۈكىدە چىش شورىغۇچىلار بار، چىش شورىغۇچىلار بولسا چىش ئەسلىي ماددىسى ۋە چىش يىلتىزىنى شەكىللەندۈرىدىغان مۇھىم توقۇلما بولۇپ، ئۇنىڭ ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش كۈچى ۋە ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ.
 
تۇراقلىق چىشنىڭ رولى 
  بالىلىق مەزگىلىدىكى سۈت چىشى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ ئاساسلىق رولى يېمەكلىكلەرنى چايناپ بېرىش، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تاۋۇش چىقىرىشقا ياردەم بېرىش، يۈزنىڭ نورمال شەكلىنى ساقلاپ قېلىش رولى بار. ئۇ بالىلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى، ئېڭەك يۈز قىسمىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە پۈتۈن بەدەن ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. يېمەكلىك ئېغىز بوشلۇقىغا كىرگەندە، ئالدى بىلەن ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئالدى قىسمىغا بېرىپ، كەپكۈرسىمان ئۇدۇل چىش تەرىپىدىن كېسىلىپ پارچىلىنىپ، ئاندىن جاۋغايدىكى قوزۇق چىش، ئالدىنقى ئېزىق چىشلار بىلەن يانجىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا تاش تۈگمەنگە ئوخشايدىغان ئېزىق چىش تەرىپىدىن ئۇششاقلىنىپ، شۆلگەي بىلەن ئارىلىشىپ يېمەكلىك دانچىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يۇتۇشقا ئاسانلىق يارىتىدۇ ھەمدە كېيىنكى قەدەمدە ھەزىم قىلىش بىلەن سۈمۈرۈشكە شارائىت ھازىرلايدۇ. يېمەكلىكلەرنى چاينىغاندا بارلىق چىشلارنىڭ ئۆز ئالدىغا بەلگىلىك رولى بار، ئەگەر مەلۇم بىر چىش زەخىملەنسە، كەمتۈك بولسا، يېمەكلىكنىڭ چاينىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاشقازان- ئۈچەينىڭ يۈكىنى ئاستا- ئاستا ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. چىش يەنە تاش تاۋۇش چىقىرىش بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئاۋاز بولسا ئۆپكىدىكى ھاۋا ئېقىنىنىڭ ئېتىلىپ چىقىپ، كېكىردەكتىكى ئاۋاز دارقىراتمىسىغا تېگىشىدىن چىقىدۇ، بىراق ئاۋاز چىقارغاندا ئېنىق ۋە توغرا، تىل ۋە قۇلاققا ياقىدىغان ناخشا ئاۋاز شەكىللىنىش ئۈچۈن يەنە كېكىردەك ( كاناي )، يۇتقۇنچاق، بۇرۇن، كۆكرەك بوشلۇقىنىڭ ئورتاق غوڭۇلداش رولىغا ۋە ئېغىز، كالپۇك، چىش، تىل، تاڭلاي، قوۋۇزنىڭ ھەمكارلىشىپ ھەرىكەتلىنىشىگە ئېھتىياجلىق. چىش تىل تاۋۇشىنىڭ شەكىللىنىشىدە ناھايىتى مۇھىم، بولۇپمۇ ئۇدۇل چىش گەۋدىلىك رول ئوينايدۇ. Z ، C ، S تاۋۇشلىرىنى تەلەپپۇر قىلغاندا، ئالدى بىلەن تىل ئۇچى ئۈستۈنكى ئۇدۇل چىشقا تېگىپ، ئاندىن ئايرىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھاۋا ئېقىمى تىل ۋە چىش ئارىلىقىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، شۇ ئۈچ ھەرپ تەلەپپۇز تاۋۇشلىرى شەكىللىنىدۇ. ئەگەر ئالدى چىشنىڭ ئورنىدا نورمالسىزلىق بولسا، ھەتتا كەم بولسا، بىۋاسىتە تاۋۇش چىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاۋازنىڭ ئېنىق ۋە جاراڭلىق چىقىشىغا تەسىر يېتىدۇ. 
  چىش چىش ئوقۇر سۆڭىكىگە تىزىلىپ، چىش ئەگمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. يۈزنىڭ نورمال گۈزەللىكىنى ساقلاپ قېلىشتا چىش مۇھىم رول ئوينايدۇ. چىش تىزىلىشى رەتلىك، چىش ئەگمىسى نورمال بولغاندا، ئېغىز، كالپۇك، يۈز ۋە قوۋۇزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈز قىسمى تەبىئىي تولغان بولىدۇ. ئەگەر چىشنىڭ تىزىلىشى رەتسىز، چىش ئەگمىسى نورمالسىز بولسا، يۈز قىسمىنىڭ تۈزۈلۈشى تەسىرگە ئۇچراپ، سىرتقى گۈزەللىككىمۇ نۇقسان يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، چىش بىلەن يېمەكلىكلەرنى چاينىغاندا ھاسىل بولغان كۈچ چىش يىلتىزى ئارقىلىق ئېڭەك سۆڭىكىگە يېتىپ بېرىپ، ئېغىز بوشلۇقى، ئېڭەك، يۈز قىسمى ۋە تۇراقلىق چىشنىڭ نورمال ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇڭا، بالىلىق مەزگىلىدە چىشنى ئاسراشقا دىققەت قىلىش، چىشنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش __ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن پايدىلىق. 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر