ئاياللار مېۋە-كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە

سەھىپە: ئوزۇقلۇق | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/15 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04

    ئەلداۋا خانىم-قىزلار ساغلاملىق يېتەكچىسى: ئاياللار مېۋە-كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆتىگە تاش چۈشۈش خەۋپى تۆۋەن بولامدۇ؟

   ئامېرىكا تېببىي پەن ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدىكى بايقىلىشىچە، ئاياللار مېۋە-كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۇلارنىڭ ئۆتىگەن تاش چۈشۈش خەۋپى تۆۋەن بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار 77000 نەپەر ئاياللارغا قارىتا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىز قوغلاپ تەجرىبە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، تەجرىبە ئېلىپ بېرىلغان 16 يىل ئىچىدە جەمئىي 6600 نەپەر ئايالنىڭ ئۆتىگەن تاش چۈشكەنلىكىنى بايقىغان. ئالىملار بۇنى ئانالىز قىلىپ ئارقىلىق ئادەتتە مېۋە- كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىپ بېرىدىغان ئاياللارنىڭ مېۋە -كۆكتاتلارنى ئانچە كۆپ ئىستېمال قىلمايدىغان ئاياللارغا قارىغاندا، ئۆتىگە تارتىپ چۈشۈپ نىسبىتىنىڭ %21 تۆۋەن بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئالىملار بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، مېۋە-كۆكتاتلار تەركىبىدە ۋىتامىن  مول بولغانلىقىدا دەپ قارىغان. شۇنداقلا ئاياللارنىڭ مېۋە-كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشىنى تەۋسىيە قىلغان.

- ياسىنىش ۋە كۈتۈنۈشتىكى خاتا قاراشلاردىن
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر