بۇ 8 خىل ئۇسۇل سىزنى جىنسىي كېسەللىكتىن ساقلايدۇ

سەھىپە: جىنسىيەت | مەنبە: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى | ۋاقتى: 2018/02/16 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: eldawa02 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: eldawa01 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 04
   ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات: كۆپچىلىكنىڭ جىنسىي كېسەللىك ۋە ئۇنىڭ يوقۇش يوللىرىغا بولغان بىلىمىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبلىك بۇ كېسەللىك ھازىر ئادەتتىكى ئادەملەر توپى ئىچىدە كۈندىن -كۈنگە كۆپەيمەكتە. شۇڭا جىنسىيەتكە ئائىت بىلىملەرنى بىلىشىم زۆرۈر.
 
1. جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە ئۆز- ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش.
  جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا، ھەر خىل كىشىلەر توپىغا ئوخشاش بولمىغان ساغلاملىق تەربىيەسى ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. كىشىلەرگە ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ قانداق يۇقىدىغانلىقى، قانداق خەتىرى بارلىقى، قانداق قىلغاندا بۇ كېسەللىكتىن ئۆزىنى قوغداپ قالغىلى بولىدىغانلىقى، يۇقۇملانغانلىقىدىن گۇمانلانسا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى تولۇق بىلدۈرۈش كېرەك.
 
2. پاكىز بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىش.
  بىر ئەر- بىر خوتۇنلۇق ئەخلاق قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. بولۇپمۇ خەتەرلىك كىشىلەر توپى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ناچار جىنسىي مۇناسىۋەت ئادىتى جىنسىي كېسەللىكلەرنى يۇقتۇرىدۇ. مەسىلەن، تۈز ئۈچەي ئېپىتېلىيەسى جىنسىي يول ئېپىتېلىيەسىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇمران بولىدۇ، شۇڭا مەقئەتكە جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش جىنسىي يولغا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغانغا قارىغاندا شىللىق پەردىلەرنى تېخىمۇ ئاسان زەخىملەپ، يۇقۇملىنىش پۇرسىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. 
3. بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش.
 
جورىسى جىنسىي كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغان ياكى خەتەرلىك كىشىلەر توپىدىكىلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىش ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلار ھەر قېتىملىق جىنسىي مۇناسىۋەتتە بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىشى كېرەك. بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شۇكى، جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا بىخەتەرلىك قاپچۇقىنىڭ توسۇش رولىدىن پايدىلىنىپ، ئاجراتمىلارنىڭ قارشى تەرەپنى بۇلغىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر. شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، بىخەتەرلىك قاپچۇقى جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ يۇقۇش پۇرسىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتىدۇ، لېكىن بارلىق يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ.
 
4. ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن تەكشۈرتۈش ۋە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش.
   سىفلىس، ئەيدىز كېسەللىكى، زور ھۈجەيرىلىك ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ۋە جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسى قاتارلىقلار بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلىگە يۇقىدۇ. سۆزنەك، سۆزنەك باكتېرىيەسىز سۈيدۈك يولى ( بالىياتقۇ بوينى ) يەللىكى، جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسى، ئۇچلۇق سۆل سۆگەل قاتارلىقلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق تۇغۇت يولىدىن ئۆتۈۋاتقاندا يۇقۇشى مۇمكىن. شۇڭا، ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن جىنسىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن يۇقۇملىنىشنىڭ بار- يوقلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر تەكشۈرۈشلەرنى قوبۇل قىلىش بوۋاقلاردىكى يۇقۇملۇق جىنسىي كېسەللىكلەرنى ئازايتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەگەر تەكشۈرۈشتە يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانسا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش، ئۈنۈملۈك داۋالانغاندىن كېيىن ئاندىن ھامىلىدار بولۇش كېرەك؛ ھامىلىدار بولۇپ بولغان بولسا، دەرھال ۋاقتىدا ئۈزۈل- كېسىل داۋالىنىش كېرەك.
 
5. قان ئارقىلىق يۇقۇشنى تىزگىنلەش.
   قان ئارقىلىق يۇقۇش بەزى جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يولى. ھەرقانداق بىر يۇقۇملۇق كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ھازىر ئىشلىتىۋاتقان تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق يۇقۇملانغانلىقى ئىسپاتلانغۇچە مەلۇم ۋاقىت ( كۆزنەك دەۋرى ) ئۆتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تەكشۈرۈش نەتىجىسى گەرچە مەنپىي بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىناق دورىلىرىنىڭ سۈپەت مەسىلىسى ۋە باشقا بىرمۇنچە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، تەجرىبىدە ساختا مەنپىيلىك كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا، كىلىنىكىدا قان سالدۇرۇشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك. يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كېسەللىك قوزغاتقۇچى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانمىغان قان ياكى قان پىلازمىلىرى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانمىغان قان ياكى قان پىلازمىلىرى ئادەم تېنىگە كىرگۈزۈلسە خەتىرى تېخىمۇ زور بولىدۇ. شۇڭا، قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىشتە ئالاھىدە ھوشيار بولۇش كېرەك.
 
6. جىنسىي كېسەل بىمارلىرى ۋاقتىدا دىياگنوز قويدۇرۇشى ۋە توغرا داۋالىنىشى كېرەك.
   جىنسىي كېسەللىكنىڭ تۈرى ۋە كېسەللىك قوزغاتقۇچىلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بەزى ئوخشىمايدىغان تۈردىكى كېسەللىكلەرنىڭ كىلىنىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىدە نۇرغۇن ئوخشاشلىقلار بار، لېكىن ئىشلىتىدىغان دورىلارنى ياخشى تاللاش كېرەك، شۇنداقلا كىلىنىكىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئارىلاش يۇقۇملىنىش ۋە تىپىك بولمىغان كېسەللىكلەرگە كۆپ خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ ئېنىق دىياگنوز قويۇش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا دورىنى مۇۋاپىق تاللىغىلى بولىدۇ. كۆپ ساندىكى بىمارلار كېسەللىك ئالامەتلىرى ياخشىلانغان ياكى يوقالغان ھامان داۋالاشنى توختىتىپ تولۇق داۋالانمايدۇ ياكى قارىغۇلارچە دورا ئىشلىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن داۋالاش ئۈزۈل- كېسىل بولماي سوزۇلما كېسەللىككە ئايلىنىپ ياكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر پەيدا بولۇپ، يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ داۋالاشقا قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ. بارلىق جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىر قېتىم يۇقۇملىنىش بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك قوغدىنىش ئىممۇنىتېتى پەيدا قىلمايدۇ، شۇڭا داۋالانغاندىن كېيىن يەنە يۇقۇملىنىدۇ ياكى كېسەللىك قوزغىلىدۇ. كېسەل بىلەن قويۇق ئۇچرىشىدىغانلارنى ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك داۋالاپ، يۇقۇش زەنجىرىنى بالدۇرراق ئۈزۈۋېتىش كېرەك. ۋىرۇستىن پەيدا بولغان جىنسىي كېسەللىكلەرنى نۆۋەتتە يىلتىزىدىن داۋالايدىغان دورا يوق، شۇڭا بەدەندىكى كېسەللىك قوزغاتقۇچىنى ئازايتىدىغان مۇۋاپىق داۋالاش لايىھەسىنى قوللىنىش لازىم. 
 
7. جىنسىي ھەمراھلار ياكى ئەر- خوتۇننى بىرلىكتە داۋالاش. 
   كېسەلنىڭ بارلىق ھەمراھلىرىغا ياكى جورىسىغا ئۇقتۇرۇش قىلىپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىش بويىچە تەكشۈرۈپ، زۆرۈر داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش كېرەك. يۇقۇم مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش، يۇقۇشنىڭ دەۋر قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەر- خوتۇننى بىرلىكتە تەكشۈرۈپ، بىرلىكتە داۋالاش تەكىتلىنىدۇ.
8.جىنسىي كېسەل بىمارلىرى كېسىلى ساقىيىشتىن ئىلگىرى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك كېرەك.
  يۇقۇملىنىشنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھېچبولمىغاندا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىشى لازىم. 
 
iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر