سېرىق چۈشكەننىڭ ھەممىسىلا جىگەر ياللۇغى بولۇۋەرمەيدۇ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/10/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا4

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :

سېرىق چۈشۈش دېگىنىمىز، قان زەردابىدىكى بىلىرۇبىننىڭ مىقدارى نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كېتىپ، كۆز ئېقى ۋە باشقا توقۇلمىلاردا سېرىقلىق پەيدا بولۇش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ. بىلىرۇبىن ئالمىشىش جەريانىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى خىل بىلىرۇبىن ھاسىل بولىدۇ، يەنى ۋاسىتىلىك بىلىرۇبىن ۋە بىۋاسىتە بىلىرۇبىن ھاسىل بولىدۇ.قايسى بىلىرۇبىن ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككىلىسى سېرىقلىق پەيدا قىلىدۇ. سېرىقلىق ئەڭ ئاسان چۈشىدىغان ئورۇنلار كۆزنىڭ ئېقى، شىلىمشىق پەردە، قان تومۇر، تېرە قاتارلىق ئورۇنلار، بۇ توقۇلمىلاردا ئېلاستىك ئاقسىل كۆپرەك بولۇپ، ئېلاستىك ئاقسىل بىلەن بىلىرۇبىننىڭ بىرىكىش كۈچى كۈچلۈك بولىدۇ، ئەگەر پەقەت قان زەردابىدىكى بىلىرۇبىنلا نورمال ئۆلچەمدىن ئېشىپ بىمارنىڭ كۆز ئېقى، تېرىسىگە سېرىق چۈشمىسە يوشۇرۇن سېرىق چۈشۈش دېيىلىدۇ؛ پەقەت تېرە قاتارلىق جايلارغا سېرىق چۈشۈپ قان زەردابىدىكى بىلىرۇبىن يۇقىرى كۆتۈرۈلمىسە، ساختا سېرىق چۈشۈش دېيىلىدۇ.


جىگەرنىڭ بەدەندىكى ئەڭ چوڭ « خىمىيە سانائىتى زاۋۇتى » ئىكەنلىكىنى ئالدىدا سۆزلەپ ئۆتكەنىدۇق، ۋاسىتىلىك بىلىرۇبىن ھاسىل بولغاندىن كېيىن، جىگەرگە يوللىنىپ ئۆزگەرگەندىن كېيىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. جىگەردە ئەگەر ياللۇغ ياكى باشقا كېسەللىك ئۆزگىرىش پەيدا بولسا، ئۇنىڭ ئۆزگەرتىش ۋە چىقىرىۋېتىش جەريانىدا توسالغۇلۇق پەيدا بولۇپ، قان زەرابىنىڭ ۋاسىتىلىك بىلىرۇبىنى بىلەن بىۋاسىتە بىلىرۇبىنى بىر ۋاقىتتا يۇقىرى ئۆرلەپ، بىمارنىڭ سۈيدۈك رەڭگى تېز قېنىقلىشىپ، كۆزىنىڭ ئېقى ۋە تېرىسىگە سېرىق چۈشىدۇ. سېرىق چۈشۈشنىڭ ئالدى- كەينىدە كۆڭۈل ئاينىش، قۇسۇش، ئىشتىھاسىزلىق قاتارلىق ھەزىم قىلىش يولىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ سېرىق چۈشۈش خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سېرىقلىقنىڭ پەيدا بولۇش- بولماسلىقى، جىگەرنىڭ چارچىغانلىقى ياكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولغانلىقىنىڭ مۇھىم ئالامىتى بولىدۇ، بىراق سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ ھەممىسى جىگەر ياللۇغى بولۇشى ناتايىن. كىلىنىكىدا ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ زىيادىلىشىپ كېتىشى ياكى زىيادە بۇزۇلۇشىدىن ۋاسىتىلىك بىلىرۇبىننىڭ ئېشىپ كېتىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان سېرىقلىقنى قان ئېرىش خاراكتېرلىك سېرىقلىق چۈشۈش دەيدۇ، بەزىدە يەنە ئۆت خالتىسى ياكى ئۆت يولىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن، مەسىلەن، تاش چۈشۈش، ئۆسمە، ياللۇغ قاتارلىق كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن بىلىرۇبىننىڭ چىقىرىۋېلىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، قان زەردابىدىكى بىۋاسىتە بىلىرۇبىن ئۆرلەپ كېتىپ سېرىقلىق پەيدا بولىدۇ، بۇ توسۇلۇش خاراكتېرلىك سېرىق چۈشۈش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كىلىنىكىدا سېرىقلىقنى پەيدا قىلىدىغان كېسەللىك سەۋەبلىرى ۋە كېسەللىك تۈرلىرى كۆپ بولىدۇ. ھەممىسىنى قارىقويۇق ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىدىن كېلىپ چىققان، دەپ قاراشقا بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سېرىقلىق پەيدا بولغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىپ، بالدۇر دىياگنوزنى ئېنىقلىتىپ داۋالىنىش ئاقىلانىك بولىدۇ.

سېرىقلىق چۈشۈش يۇقۇملىنىشنىڭ نىشانى ئەمەس
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ ئۆزى جىگەر ياللۇغى، بىماردىن يۇقىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولمايدۇ. سېرىقلىق كۆپ خىل كېسەللىك سەۋەبىدىن چۈشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى قان ئېرىش خاراكتېرىدىكى سېرىقلىق چۈشۈش ۋە توسۇلۇش خاراكتېرلىك سېرىقلىق چۈشكەندە، بىماردىكى سېرىقلىق روشەن بولىدۇ، لېكىن يۇقۇملۇق بولمايدۇ، دەپ ئالدىدا ئېيتىپ ئۆتكەنىدۇق. جىگەر ھۈجەيرىلىرى خاراكتېرلىك سېرىق چۈشۈشمۇ قىسمەن يۇقۇملۇق ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى بىلەن چەكلىنىدۇ. دورا خاراكتېرلىك ۋە ئىسپىرتلىق ئامىللاردىن كېلىپ چىققان سېرىقلىقمۇ يۇقۇملۇق بولمايدۇ. ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارنىڭ يۇقتۇرۇشچانلىقنىڭ كۈچلۈك- ئاجىزلىقى جىگەر ياللۇغىنىڭ ۋىرۇسلۇق قان كېسىلى ۋە ۋىرۇسنىڭ قايتا ياسىلىشى سەۋىيەسىگە باغلىق بولىدۇ، كىلىنىكىدىكى كېسەللىك ئالامىتى، بەدەن بەلگىسى ۋە جىگەر ئىقتىدارىنىڭ نورمالسىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ. مەسىلەن، A تىپلىق جىگەر ياللۇغى، E تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ سېرىقلىق پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە سېرىقلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يۇقۇملۇقلىقى كۈچلۈكرەك بولۇپ، سېرىقلىق چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن يۇقۇملۇقلۇقى ئاجىزلايدۇ ياكى يوقىلىدۇ. B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان  بىمار مەيلى جىددىي خاراكتېرلىك ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك بولسۇن، سېرىقلىق بولسۇن- بولمىسۇن، كېسەللىك ئالامەتلىرى بولسۇن- بولمىسۇن، پەقەت ۋىرۇسنىڭ قايتا ياسىلىش كۆرسەتكۈچلىرى (DNAP, DNA- HBV, HBeAg ) مۇسبەت بولىدىكەن، كۈچلۈك يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولىدۇ. B تىپلىق جىگەر ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى « چوڭ ئۈچ مۇسبەت » (HBc- ئانتى، HBsAg HBeAg لار مۇسبەت ) بولسا، گەرچە ئۇنىڭدا ھېچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى، سېرىقلىق ۋە باشقا بەدەن بەلگىلىرى بولمىسىمۇ، يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولىدۇ، ئەكسىچە، ئېغىر جىگەر ياللۇغى بولۇپ ماغدۇرسىزلىنىپ كەتسە، سېرىقلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، لېكىن ۋىرۇسنىڭ قايتا ياسىلىش كۆرسەتكۈچى مەنپىي بولسا، بىمارنىڭ ئاساسەن يۇقۇمچانلىقى بولمايدۇ. C تىپلىق جىگەر ياللۇغىدا پەقەت RNA - HCV مۇسبەت بولغاندا يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا يۇقۇمچانلىقى ئاجىز ياكى يوق بولىدۇ، سېرىقلىقنىڭ بولۇش- بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ. شۇڭلاشقا سېرىقلىق پەيدا بولغان بىمارلار ياكى سېرىقلىق پەيدا بولغان بىمارلارغا يېقىنلاشقانلار، قارىغۇلارچە ۋەھىمە يېمەسلىكى لازىم، كېسەللىك سەۋەبىنى ۋە كۆرسەتكۈچ نەتىجىسىنى ئۈزۈل- كېسىل تەكشۈرۈپ چىققاندا، ئاندىن توغرا دىياگنوز قويغىلى بولىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر