قاندىكى مەسىلەرنى ھەل قىلىشتا ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى تاللاش مۇھىم

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/10/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا4

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :


ئۆسۈملۈك ئاقسىلى ۋە مۇرەككەپ كاربون- سۇ بىرىكمىلىرى ئۆسۈملۈك ئاقسىللىق يېمەكلىكلەر ( مەسىلەن، كىراخماللىق يېمەكلىكلەر) نى كۆپرەك، يەنە كاربون- سۇ بىرىكمىلىك يېمەكلىكلەر ( مەسىلەن، مېۋە شېكىرى، قومۇش شېكىرى، كەمپۈت قاتارلىق) نى ئازراق ئىستېمال قىلىش كېرەك.
② ۋىتامىن C تەركىبى مول يېمەكلىكلەر : تەركىبىدە ۋىتامىن C مول يېمەكلىكلەرنى، مەسىلەن، يېڭى مۇچ، پالەك، پەمىدۇر، ئاپېلسىن، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىش كېرەك؛ چۈنكى، ۋىتامىن C خولېستېرىننىڭ قان ۋە توقۇلمىلارغا يىغىلىۋېلىشىنى ئازايتىدۇ.
③ تالاسى كۆپ يېمەكلىكلەر : يېمەكلىك تالاسى ئاشقازان- ئۈچەيدە ئاسان ھەزىم بولمىغاچقا، تالاسى كۆپ يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، قارا ئاشلىق، كۆكتات، مېۋە قاتارلىقلار كۆپرەك ئىستېمال قىلىنسا خولېستېرىننىڭ بەدەن سىرتىغا چىقىرىلىشىنى تېزلىتىپ، قان تومۇرلارنىڭ قېتىشىنى توسۇپ، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. چۈنكى، بۇ خىل يېمەكلىكلەر چوڭ تەرەتنى كۆپەيتىپ، قەۋزىيەتنى ياخشىلايدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ تەرەت قىلىشتىكى ناچار ئادەتنى ئۆزگەرتىشكە پايدىلىق بولۇپ، خولېستېرىننىڭ ۋاقتىدا چىقىپ كېتىشىنى تېزلىتىپ، قاندىكى خولېستېرىن مىقدارىنى ئازايتىش رولىنى ئوينايدۇ.
④ سۇ مەھسۇلاتلىرى، دېڭىز نازۇنېمەتلىرى: سۇ مەھسۇلاتلىرى، دېڭىز نازۇنېمەتلىرى، مەسىلەن، لامنارىيە ( خەيدەي )، قالپاقلىق مېدوزا، مېدىيە قۇلۇلىسى، قىزىل دېڭىز يوسۇنى، دېڭىز يوسۇنى قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى ئاقسىل ۋە ھەر خىل ئانورگانىك تۇزلارنىڭ كېلىش مەنبەسى بولۇپ، خولېستېرىننىڭ ئۈچەيدە سۈمۈرۈلۈشىنى توسىدۇ، داۋاملىق ئىستېمال قىلىنسا قان تومۇرلارنى يۇمشىتىدۇ.
⑤ تۇز تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەر : تۇز تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىقراق. چۈنكى، ئاش تۇزى تەركىبىدىكى ناترىي قان بېسىمنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ، يۇقىرى قان بېسىمى ئارتېرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشى ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەۋپلىك ئامىل.
⑥ قىزىل مۇچ، كالا سۈتى ۋە بېلىق بولۇپمۇ خولېستېرىن ئۆرلەپ كېتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بىمارلار داۋاملىق قىزىل مۇچ، كالا سۈتى، بېلىق قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىشى كېرەك. ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، قىزىل مۇچنىڭ تەركىبىدە فەنجياۋسۇ، دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددا بولۇپ، ئۇ بەدەندىكى خولېستېرىننىڭ جىگەردە بىرىكىشىنى تورمۇزلاپ، قاندىكى خولېستېرىننى ئازايتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كالا سۈتىدە ئوزۇقلۇق مول. بېلىقتىكى بېلىق جىگىرى مېيى خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىش رولىغا ئىگە.
⑦ ئۆسۈلۈك يېغى : ئادەتتە تاماق ئېتىشتە ئۆسۈملۈك يېغىنى، مەسىلەن، پۇرچاق يېغى، قىچا يېغى، خاسىڭ يېغى، زىغىر يېغى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىشلىتىش كېرەك. ئۆسۈملۈك يېغىنىڭ تەركىبىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى كۆپرەك بولغاچقا، ئارتېرىيەلىك بوتقىسمان قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
⑧ تەركىبىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى مول يېمەكلىكلەر : يوپۇرماق كىسلاتاسىنى كۆپ قوبۇل قىلغۇچىلاردا تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى %50 دىن ئارتۇقراق تۆۋەنلەيدۇ. شۇڭا، تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە، ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە، يوپۇرماق كىسلاتاسى كۆپرەك قوبۇل قىلىنسا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم بېرىدۇ. يوپۇرماق كىسلاتاسى ئاساسلىقى دانلىق ئاشلىق، ھايۋانات جىگىرى، ماش- پۇرچاق، پالەك، سەرەبىل، ئېچىتىلغان يېمەكلىكلەر، ئالما، ماندارىن قاتارلىق مېۋىلەر ۋە يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار تەركىبىدە كۆپ بولغاچقا، بۇ يېمەكلىكلەر كۆپ ئىستېمال قىلىنسا يوپۇرماق كىسلاتاسىنى يېتەرلىك تولۇقلىغىلى بولىدۇ.
⑨ يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يېمەكلىكلەر: بەزى يېمەكلىكلەر قان پىلاستىنكىلىرىنىڭ يىغىلىۋېلىشىنى تورمۇزلاش، قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسۇش، يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىغا ئىگە. مەسىلەن، قارا قېرىنقۇلاق ( قارا مور)، سامساق، غولپىياز، قىشلىق موگۇ ۋە بۆلجۈرگەن، ئاناناس قاتارلىقلارنى تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى ۋە بۇ كېسەللىككە ئاسان گىرىپتار بولىدىغانلار كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
⑩ قاندىكى ماينى ئازايتىش رولىغا ئىگە يېمەكلىكلەر : بىر قىسىم يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، بۇرمىسىمان يوسۇن، كەرەپشە، قىزىل دېڭىز يوسۇنى، سەۋزە، دولانە، لامنارىيە، ياڭاق، كۈنجۈت يېغى، كۆممىقوناق، دېڭىز بېلىقى، قىشلىق موگۇ، سامساق، مايمۇن شاپتۇلى قاتارلىقلار قاندىكى ماينى ئازايتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. ئادەتتە بۇ يېمەكلىكلەر كۆپرەك ئىستېمال قىلىنسا قاندىكى ماينىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى توسۇشقا پايدىلىق، چۈنكى بۇلار تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ ھەمدە تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئاستىلىتالايدۇ، يەنە ماش- پۇرچاق، سامساق، غولپىياز، موگۇ، خاسىڭ، چوڭ چىلان، ئالما قاتارلىقلارمۇ خولېستېرىننى چۈشۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا كۆپرەك ئىستېمال قىلىنسا تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇشىنى توسۇيالايدۇ.
⑾ قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى كونترول قىلىدىغان يېمەكلىكلەر : ئارتېرىيەلىك بوتقىسىمان قېتىشنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىيات جەريانىغا قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى قاتناشقان بولىدۇ. قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسىدىغان يېمەكلىكلەر خېلى كۆپ. تەجرىبە قىلىنىپ ئىسپاتلىنىشىچە، كۈنىگە بىر قانچە چىش سامساق ياكى ئازراق غول پىياز ئىستېمال قىلىنسا قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسىدىكەن. تەركىبىدە ۋىتامىن C ۋە تالاسى مول مېۋە، كۆكتاتلار قاننىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئوينايدۇ. ماندارىن، يۇمغاقسۈت قاننىڭ ئۇيۇشىغا قارشى تەبىئىي دورا. ھەر كۈنى بىر قوشۇق زەيتۇن يېغىنى ئىككى قېتىمغا بۆلۈپ ئىستېمال قىلسا، سەككىز ھەپتىدىن كېيىن قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئەڭ يۇقىرى چەكتە تورمۇزلىنىدۇ. كۆك مۇچ داۋاملىق ئىستېمال قىلىنسا مىكرو قان نوكچىسىنى تازىلايدۇ. قەلەمپۇر، زەنجىۋىل، زەرچىۋە قاتارلىقلارمۇ قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنى تورمۇزلاشتا مۇئەييەن رولغا ئىگە. كۈنىگە 250 گىرام قىزىل ئۈزۈم شەربىتى ئىچسە قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنى توسىدۇ. پەمىدۇر ئۇرۇقى ئەتراپىدىكى سېرىق رەڭلىك يېلىمسىمان ماددا قان پلاستىنكلىرىنىڭ يىغىلىۋېلىشىنى توسىدۇ. بۆلجۈرگەن، نېكتون ( يۈزى) تەركىبىدىمۇ بۇ خىل ماددا بولىدۇ.
⑿ مىس تەركىبى مول يېمەكلىكلەر : بەدەندە مىس كەمچىل بولسا، قان قويۇلۇۋېلىپ، ئاسانلا تاجىسىمان ئارتېرىيەلىك يۈرەك كېسەللىكى پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە مىس تەركىبى مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىنسا، قاندىكى ماينىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ۋە قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. مىس تەركىبى مول يېمەكلىكلەر كالا سۈتى، كاشتان، ياڭاق، كۈنجۈت قىيامى، ياڭيۇ، قارىغاي ئۇرۇقى، راك قېقى، قۇلۇلە، قىشلىق موگۇ، نېلۇپەر ئۇرۇقى، قىزىل دېڭىز يوسۇنى، يىڭنىسىمان موگۇ، سۇلۇ، يوپۇرماقلىق كۆكتات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر