دىيابېت كېسەللىكىنىڭ گۇمانلىق 9 خىل سىگنالىدىن ئاگاھ بولۇڭ

سەھىپە: كېسەللىكلەر | مەنبە: ئېنىق ئەمەس | ۋاقتى: 2018/10/19 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: ئەلداۋا 1 | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا2 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا4

ئەلداۋادىن تېببىي ساۋات :


دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى ئادەتتە تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە ئاندىن ئۇنى بايقاپ دوختۇرغا كۆرۈنىدۇ. ئەمما نۇرغۇن Ⅱ تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىدا دەسلەپكى مەزگىللىك كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېنىق بىلىنمەيدۇ. شۇڭا، دىيابېت كېسەللىكىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئىمكانقەدەر بالدۇر بايقاش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى خەتەرلىك، گۇمانلىق سىگناللارغا قارىتا يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاش لازىم:
1- بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەپ، ئۇنىڭ مۇۋاپىق سەۋەبى تېپىلماسلىق.
2-دائىم ھارغىنلىق ۋە ماغدۇرسىزلىق ھېس قىلىپ، خىزمەت ئۈنۈمى ۋە چىدامچانلىقى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش.  بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى ئادەتتىكى كىشىلەر توپىدا بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلسىمۇ، ئەمما بىمار ۋە دوختۇر سەل قاراپ قالىدۇ.
3- تۆۋەن قان شېكىرى رېئاكسىيەسى دائىم يۈز بېرىش.
4- سەۋەبى ئېنىق بولمىغان كۆرۈش خىرەلىشىش ياكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاش، كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىقلار يۈز بېرىش.
5- بۇرۇن ئۇيقۇلۇقتا سىيىپ قويمايدىغان بالىلار ئۇيقۇلۇقتا سىيىپ قويىدىغان بولۇپ قېلىش.
6- تېرە دائىم قىچىشىش. بولۇپمۇ ئاياللاردا سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىش ياكى ئەرلەردە زەكەر بېشى ياللۇغى پەيدا بولۇش.
7- چىيقان، يارا، سىل قاتارلىقلار ئۇزاق داۋالىسىمۇ ساقايماسلىق، يارا ئېغىزى ئاسان پۈتمەسلىك ياكى بەدەننىڭ بەزى يەرلىرى ئاسانلا قان قېيىپ كۆكىرىپ قېلىش.
8- تېرە يۇقۇملىنىش ياكى چىش مىلىكى ئىششىپ ئاغرىش ئالامىتى دائىم كۆرۈلۈش.
9- پۇت-قولى ئۇيۇشۇش ياكى باشقا غەيرىي سېزىملار دائىم پەيدا بولۇش.
بەدەندە يۇقىرىقى گۇمانلىق سىگناللار كۆرۈلگەندە، بولۇپمۇ دىيابېت كېسەللىكى جەمەت تارىخى بارلار ياكى سېمىز، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار، 40 ياشتىن ئاشقان كىشىلەر دوختۇرخانىغا بالدۇرراق بېرىپ قان شېكىرىنى ئۆلچىتىپ، دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى ئېنىقلىتىشى لازىم.
يۇقىرىقى تونۇشتۇرۇشلاردىن شۇنى ئېنىق بىلگىلى بولىدۇكى، دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۆپچىلىكنىڭ ياخشى تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ. بەزىلەر بۇ مەزمۇنلارنى « تۆت نۇقتا » غا يىغىنچاقلىغان. يەنى:
« كۆپرەك بىلىش »: دىيابېت كېسەللىكىگە دائىر ئاساسىي بىلىملەرنى، دىيابېت كېسەللىكىنىڭ زىيىنى ۋە ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك بىلىش لازىم.
« ئازراق يېيىش »: يەنى ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە مىقدارى ئازراق بولۇش، ئاساسىي يېمەكلىكنى ئاز يەپلا قالماستىن، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى، بولۇپمۇ ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنىمۇ ئاز يېيىش لازىم. « يېيەلەيدىغان بولۇشنىڭ ئۆزى بەخت »، « گالدىن ئۆتكەن غەنىيمەت » دەپ قارىماي، « كېسەللىك ئېغىزدىن كىرىدۇ » غانلىقىنى، نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ يېيىشتىن كېلىدىغانلىقىنى بىلىش لازىم. مۇۋاپىق يېيىش، ئىلمىي يېيىش، قائىدىلىك يېيىشنى ئۆگىنىۋېلىش لازىمكى، خالىغىنىچە يېيىشكە، قالايمىقان يېيىشكە بولمايدۇ.
« ئايىغى يېنىكرەك بولۇش »: مۇئەييەن ھەرىكەت مىقدارىنى ساقلاش لازىم. بەدەننى دائىم چېنىقتۇرۇش، بەدەن ئېغىرلىقىنى بەك ئاشۇرۇۋەتمەسلىك لازىم، ئادەم سەمرىپ كەتمىسىلا دىيابېت كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئازىيىدۇ. شۇڭا، « ئايىغى يېنىكرەك بولغان » دىلا ھەم بەدەن ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرگىلى، ھەم بەدەن ئېغىرلىقىنى ناھايىتى ياخشى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.
« ئەركىنرەك بولۇش »: بۇ ئاساسلىقى روھىي ھالەتنى تەڭشەش جەھەتتىكى مەسىلىنى كۆرسىتىدۇ. ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىجابىي رول ئوينايدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ھېچقانچە تەس ئىش ئەمەس. ساغلام بەدەنگە ئىگە بولۇپ، دىيابېت كېسەللىكىنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇشىدىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن تېز ھەرىكەتلىنەيلى !
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر