• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز [AIDS] گە مۇپتىلا بولغان ئايال ۋە يېتىم قىز(2)

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: گۈلىستان تورى | ۋاقتى: 2018/03/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: غەيۇر ( تور ئىسمى ) | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

تاشلىۋېتىلگەن قىز

2002 _ يىلى ئەتىياز كۈنلىرىنىڭ بىر ئەتىگەنلىكى گۈلشەن ئادىتى بويىچە قاق سەھەردە ئۆيدىن چىقتى، ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىلاردىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ پۇلغا يارايدىغان ئەسكى _ تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىۋېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ يولدا كېتىۋاتقىنىدا، يان كوچىنىڭ بېشىدىكى تام تۈۋىدىن چىققان بوۋاقنىڭ نازۇك يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى. گۈلشەن ئاۋاز چىققان يەرگە ئوقتەك ئېتىلىپ بېرىپ قارىسا، تام تۈۋىدە بىر بوغچا تۇرغان، ئۇ زۇڭزىيىپ ئولتۇرۇپ بوغچىنى ئاۋايلاپ يەشتى، دەرۋەقە، بوغچىدا ئانىسىنىڭ ئېمىتىشىگە تەشنا بولغان بىر قىز بوۋاق ياتاتتى.
بوۋاقنىڭ ھال رەڭ يۇمران يۈزىدىن ئۇنىڭ تۇغۇلغىنىغا ئانچە ئۇزاق ۋاقىت بولمىغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى، بوۋاق توختىماي يىغلاپ، گۈلشەنگە تەلمۈرۈپ قارايتتى. << بالىنىڭ قورسىقى ئېچىپ كېتىپتۇ! >> گۈلشەن ئىچى ئاغرىپ بوۋاقنى كۆتۈرۈۋالدى _ دە، شۇ يەردە بىر ھازا ساقلاپ تۇردى، لېكىن، مۇنچە ئەتىگەندە بىر كىمنىڭ ئۆيىدىن چىقىشى ناتايىن ئىدى.
بوۋاقنىڭ توختىماي يىغلىشى بۇ ئانىنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇشقا باشلىدى، گۈلشەن چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ بوۋاقنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. ئۇنىڭ كاللىسىغا، ئاۋۋال بالىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزاي، ئاندىن كېيىن بېقىۋالىدىغانلارنىڭ بار _ يوقلۇقىنى سوراپ كۆرەي، دېگەن خىيال كەلدى.
ئۆيدە سۈت پاراشوكى يوق ئىدى، ئۇ چېنىگە سۇ قۇيۇپ، شېكەر سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، بال قوقوشۇق بىلەن بوۋاققا ئاز _ ئازدىن ئىچۈردى، بىچارە بوۋاق مۇشۇ ئازراق تاتلىق سۇنى ئىچىپلا يىغلاشتىن توختىدى. كېيىن گۈلشەن سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ بوۋاقنىڭ تار كوچىنىڭ بېشىدىكى سالامئاينىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى ئۇقتى.
سالامئاينىڭ ئېرى زەھەر چېكىپ ئەيدىز [AIDS]نى يۇقتۇرۇۋالغاچقا، بۇنىڭدىن بىرنەچچە ئاي بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەنىكەن، سالامئاي ھامىلىدار مەزگىلىدە، يۇقۇم مۇداپىئە پونكىتىدىكىلەر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئەيدىز [AIDS]گە مۇپتىلا بولغانلىقىنى ئېنىقلىغانىكەن. ئۇ شۇ چاغدا "بوشانمىسام بولمايدۇ" دەپ چىڭ تۇرۇۋالغانىكەن، كېيىن ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچارلىشىپ، بالىنى بېقىش ئىمكانىيىتى يار بەرمەي قالغان، شۇنىڭ بىلەن بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئۇ بوۋاقنى كوچىنىڭ بېشىغا تاشلاپ قويۇپ، ئىز _ دېرەكسىز غايىپ بولغان.
گۈلشەن بوۋاقنى ئۆيىدە بىرنەچچە كۈن باقتى، ئۇ تېخىچىلا بۇ بوۋاقنى ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بىرەر ئائىلىنىڭ بېقىۋېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. ئۇ بىرنەچچە ئائىلىدىن سوراپ كۆردى، ئەمما ئۇلار بۇ بوۋاقنىڭ ئەيدىز [AIDS]گە مۇپتىلا بولغان ئايالنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىشى ھامان بېقىۋېلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. "بوۋاقنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزۈڭ بېقىۋال!" دەپ تاپا _ تەنە قىلغۇچىلارمۇ بولدى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر