• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز [AIDS] گە مۇپتىلا بولغان ئايال ۋە يېتىم قىز(3)

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: گۈلىستان تورى | ۋاقتى: 2018/03/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: غەيۇر ( تور ئىسمى ) | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05
ئۆيدە بىر جان كۆپەيگەندىن كېيىن

گۈلشەن ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ بوۋاقنى بېقىۋالغانلىق ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپكەندەك ئىش بولدى. گۈلشەن ئۆزىنىڭ ئىككى بالىسىنى ئەسكى _ تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىش ئارقىلىق بېقىپ كېلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، چوڭ ئوغلى مەكتەپتە ئوقۇش يېشىغا كېلىپ قالغانىدى. بىراق، ھېلىقى يېتىم قىزنى بېقىۋالىدىغان ئادەم چىقمايۋاتاتتى، ئۇنىڭ بۇ بوۋاقنىڭ ئۆلۈك _ تىرىكى بىلەن كارى بولمىسا بولمايدۇ _ دە.
بۇ بوۋاق تۇغۇلۇپلا ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئانىسىنىڭ سۈتىنى ئېمىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغانىدى، شۇڭا بۇ بىچارە قىزغا سۈت پاراشوكى بېرىشكە توغرا كېلەتتى. گۈلشەننىڭغۇ مۇشۇنداق قىلغۇسى بار ئىدى، بىراق بۇ ئائىلىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى ناچار بولغاچقا، ئۆزلىرىنىڭ قورسىقىنى تۇيغۇزۇشمۇ تەسكە توختاۋاتاتتى. كۆپ يىللاردىن بېرى، مەيلى ھېيت _ بايرامدا ياكى تۇغۇلغان كۈندە بولسۇن، گۈلشەننىڭ بالىلىرى تويغۇدەك گۆشلۈك غىزاغا يېتىشەلمەي، يېڭى كىيىم كىيەلمەي كېلىۋاتاتتى، ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىملەر ئۇرۇق _ تۇغقانلارنىڭ بالىلىرىغا كىچىك كېلىپ قالغان كىيىملەر ئىدى.
گۈلشەن ئۇنداق ھېسابلاپمۇ، مۇنداق ھېسابلاپمۇ چىقىمنى قاپلىغۇدەك كىرىمنىڭ ئورنىنى قىلالمىدى. ئەمما، ئۇ يەنىلا چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ، شۇ ئايلىق يېمەك _ ئىچمەككە كېتىدىغان خىراجەتنىڭ كۆپ قىسمىنى سۈت پاراشوكى، شېكەر ۋە ئېمىزگە بوتۇلكا سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلدى. شۇ ئايدا گۈلشەن ۋە بالىلىرى سويۇقئاش ئىچىپ، نان يەپ كۈن ئۆتكۈزدى.
ئۇ ھەر قېتىم بوۋاققا سۈت پاراشوكىنى بېرىدىغان چاغدا، ئۇنىڭدىن چىققان خۇش پۇراق گۈلشەننىڭ ئىككى بالىسىنى ئۆزىگە جەلپ قىلاتتى. گۈلشەن بالىلىرىنىڭ تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن چاغدا، ئىچى ئېچىشىپ كېتەتتى، بىراق ئۇ يەنىلا تاقەت قىلىپ، بالىلىرىغا بىر قوشۇقتىن بېرىش بىلەنلا كۇپايىلىنەتتى. ئۇنىڭ 2 _ ئوغلى شۇ چاغدا ئىككى ياشتىن سەل ئاشقانىدى. گۈلشەن بالىسىنىڭ ھەر قېتىم بىر ئوتلام سۈت پاراشوكىنى ئىچكەندىن كېيىنكى تۇرقىغا قارىغىنىدا، يۈرىكى لەختە _ لەختە قان بولاتتى.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە گۈلشەن بېقىۋالغان بوۋاقنىڭ قىزىتمىسى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كەتتى، بوۋاققا سۇ ئىچۈرسىمۇ، سوغۇق ئۆتكۈزسىمۇ كار قىلمىدى. قارىغاندا، بوۋاق سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندەك قىلاتتى. گۈلشەن ئىچى تىتىلداپ پايپېتەك بولۇپ كەتتى: ئۇ بوۋاقنى داۋالىتىدىغانغا پۇلنىڭ ئىلاجىنى قىلالمايۋاتاتتى. ئۇ ئامالسىز قېلىپ، نەۋرە ھەدىسىگە ئېغىز ئېچىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلاردىن پۇل سورىشى ئىدى. ئۇ نەۋرە ھەدىسىگە:
- پۇلنى چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىمەن، — دېدى.


نەۋرە ھەدىسى گۈلشەننىڭ بۇ يوقىلاڭ ئىشقا ئارىلاشقانلىقىغا باشتىن تارتىپلا قارشى ئىدى، ئۆزى مۈشكۈل ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان ئادەم تېخىمۇ ئېغىر، تېخىمۇ كۆپ يۈكنى زىممىسىگە قانداقمۇ ئالالايدۇ؟ نەۋرە ھەدىسى ئەينى ۋاقىتتا گۈلشەنگە تېخىمۇ كۆپ پېشكەللىكنىڭ كېيىن كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئالدىنئالا ئېيتقانىدى.
ئەمما، ئەمەلىيەتتە نەۋرە ھەدىسى ئۇنىڭغا كۆيۈنەتتى، ئۇنىڭ جاپا _ مۇشەققەت چېكىشىگە قاراپ تۇرالمايتتى. نەۋرە ھەدىسى بۇ دورام گۈلشەننى بىر دەم ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۇنىڭغا پۇل بېرىپ تۇردى.
گۈلشەن پۇلنى ئېلىپلا بوۋاقنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا باردى، دوختۇرنىڭ گېپىچە، سەللا كېچىكىپ كەلگەن بولسا، بوۋاقنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغىلى بولمايتتىكەن.
بوۋاق كېسەلخانىدا ئۈچ كۈن ياتتى، ئۈچ كۈن ئاسما ئوكۇل سېلىنغاندىن كېيىن، ئۆلۈم گىردابىدىن ئاخىر قايتىپ كەلدى. بوۋاق ساقايغاندىن كېيىن، گۈلشەن ھەر كۈنى ئۆيدىن تېخىمۇ بالدۇر چىقىپ، كەچ قايتىدىغان، بىر ئائىلە كىشىلىرى پۇلنى تېخىمۇ تېجەپ ئىشلىتىدىغان بولدى، ئۇ نەۋرە ھەدىسىدىن قەرز ئالغان پۇلنى چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ ئىككى ئاي ئىچىدە تولۇق قايتۇردى.

بوۋاقنىڭ تەقدىرى قانداق بولغاندۇ؟

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر