• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز [AIDS] گە مۇپتىلا بولغان ئايال ۋە يېتىم قىز(4)

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: گۈلىستان تورى | ۋاقتى: 2018/03/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: غەيۇر ( تور ئىسمى ) | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

ئۈزۈلمەس رىشتە

ئەمما، "ئىقتىسادىي كرىزىس" ئۇنداق ياكى مۇنداق ئىشلار تۈپەيلىدىن يەنىلا قايتا _ قايتا يۈز بەردى، گۈلشەن بوۋاقنى بىرنەچچە قېتىم تېپىۋالغان ئورنىغا ئاپىرىپ قويماقچى بولدى.
باش قىش كۈنلىرىنىڭ بىر ئەتىگەنلىكى گۈلشەن بوۋاقنىڭ قورسىقىنى ئوبدان تويغۇزۇپ، پاكىز كىيىملىرىنى كىيدۈرۈپ، ئاستىغا پاكىز سۈيدۈك لاتىسىنى قويۇپ، كۆرپىسىگە چىڭ ئورىدى، ئۇ بوۋاقنى تېپىۋالغان ئورنىغا ئاپىرىپ قويۇش قارارىغا كەلگەنىدى، ئۇ ھەقىقەتەن ئېغىر ئەھۋالدا قالغاچقا، بىر ئاخشام ئىدىيىۋى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق مۇشۇنداق قارارغا كەلگەنىدى.
ئۇ ئۆيدىن چىقىش ئالدىدا بوۋاقنى كۆتۈرۈپ، يۈزىنى بوۋاقنىڭ يۈزىگە تەگكۈزۈپ، ئۇنى سۆيۈپ تۇرۇپ:
— بەلكىم سىزگە ھاللىقراق بىر ئائىلە ئۇچراپ قالار، ئۇ چاغدا كۈنىڭىز بۇ يەردىكىدىن ياخشى ئۆتىدۇ، — دېدى. بوۋاق پاك كۆزلىرى بىلەن ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ قارىدى، بوۋاققا ئۆزىنىڭ نامەلۇم دۇنياغا يەنە قايتىپ بارىدىغانلىقى ئايان ئەمەس ئىدى، ئۇ گۈلشەننىڭ تونۇش چىرايىنى كۆرۈپ، ئاغزىنى ئېچىپ كۈلۈۋاتاتتى.
گۈلشەنگە بۇ ھال يۈرىكىگە پىچاق سانچىلغاندەك تۇيۇلدى، ئۇ كۆزىگە ياش ئالغان پېتى بوۋاقنى يان كوچا ئاغزىغا ئاپىرىپ قويدى.
گۈلشەن ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تەمتىرەپ يۈردى، ئۇ بىرنەچچە قېتىم ئۇ يەرگە بېرىپ كۆرۈپ باقماقچى بولدى. بىراق، ئۇنىڭ تۈنۈگۈن ئاخشامقى ئىرادىسى پۇت _ قولىنى چۈشەپ تۇرۇۋالدى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ بوۋاققا بولغان ئەنسىرىشى بىر دەقىقىمۇ توختاپ قالمىدى، ئۇ كىمدۇر بىرىنىڭ بوۋاقنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلاتتى، شۇنداقلا كىمدۇر بىرىنىڭ بوۋاقنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ كېتىشىدىنمۇ قورقاتتى، ئۇنىڭ قەلبى قاتتىق زىددىيەت ئىچىدە قالغانىدى. ئارىدىن بىر سائەت، ئىككى سائەت ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى… ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەر بىر مىنۇت گۈلشەنگە تولىمۇ ئۇزاق بىلىنمەكتە ئىدى، ئارىدىن ئۈچ سائەت ئۆتكەندە، گۈلشەن ئۆزىنى گۇناھ ئۆتكۈزۈۋاتقاندەك ھېس قىلدى _ دە، ئۆيدىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقتى. ئۇ شۇ تاپتا بوۋاقنىڭ ئۇ يەردە يوق بولۇپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيتتى.
ئۇ يان كوچا ئاغزىغا بارماي تۇرۇپلا، قۇلىقىغا بوۋاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ بوۋاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ خوشال بولدى ۋە ئىچى سىيرىلىپ كەتتى _ دە، ئۇچقاندەك بېرىپ بوۋاقنى باغرىغا باستى. بوۋاقنىڭ تولا يىغلاپ ھېچ ھالى قالمىغانىدى. گۈلشەن بوۋاقنىڭ يېنىدا بىر خالتا سۈر پاراشوكى، بىر بوتۇلكا تازىلانغان سۇ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى، يۆگەكنى ئېچىۋىدى، ئۇنىڭ ئىچىدىن يەنە 10 يۈئەن پۇل چىقتى.
باشقىلارنىڭ بۇ بوۋاققا رەھىمى كەلگەنلىكى، ئەمما ھېچكىمنىڭ ئۇنى بېقىۋېلىشنى خالىمايدىغانلىقى گۈلشەنگە ئايان بولدى. ئۇ خىجىللىق ئىلكىدە بوۋاقنى كۆتۈرۈپ ئۆيىگە قايتتى.
كېيىن، گۈلشەن يەنە ھېچ ئىلاج قىلالماي بوۋاقنى يان كوچا ئاغزىغا ئىككى قېتىم ئاپىرىپ قويدى، ئەمما، ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتەر _ ئۆتمەيلا ئۇنى يەنە قايتۇرۇپ ئەكېلىۋالدى. ئۇ كېيىنكى ئىككى قېتىمدا بوۋاق ئالدىدا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزى ھېسسىيات جەھەتتىن ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىدىن بوۋاقنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ كاللىسىغا "بۇ دېگەن قازانغا بىر چۆمۈچ سۇنى ئارتۇق قۇيۇش، ئۆزۈم غىزانى بىرنەچچە ئوتلام ئاز يېيىش بىلەن پۈتىدىغان ئىشقۇ" دېگەن خىيال كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش سەرگۈزەشتىلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگىنىدە، بۇ بىگۇناھ قىزغا بارغانسېرى ئۆزىنىڭ بالىلىرىنىڭ تەقدىرى بىلەن ئوخشاش ئىدى.
قىز بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە، گۈلشەن سالامئاينىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ بىچارە قىزدىن ئىككىنچى ئايرىلماسلىققا بەل باغلىدى. گۈلشەن بۇ قىزغا << نۇرنىسا >> دېگەن يېقىملىق ئىسىم قويدى.

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر