• يېڭى ماقالىلەر

ئەيدىز [AIDS] گە مۇپتىلا بولغان ئايال ۋە يېتىم قىز(5)

سەھىپە: ئەيدىز | مەنبە: گۈلىستان تورى | ۋاقتى: 2018/03/12 | كۆرۈلۈشى: قېتىم
ماتېرىيال تەييارلىغۇچى: غەيۇر ( تور ئىسمى ) | تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ئەلداۋا 02 | يوللىغۇچى: ئەلداۋا 05

ئانا مېھرى

بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى غۇلجا شەھەرلىك يۇقۇم مۇداپىئە پونكىتى شەھەردىكى زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش گۈلشەنگە ھەم خۇشاللىق، ھەم كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كەلدى.
ئۇنى خوشال قىلغان ئىش ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ۋە نۇرنىسانىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى [HIV] بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقى بولدى، ئۇنىڭغا كۆڭۈلسىزلىك ئېلىپ كەلگەن ئىش ئۆزىنىڭ ئەيدىز [AIDS]گە مۇپتىلا بولۇپ قالغانلىقى بولدى.
گۈلشەنگە بۇ خەۋەر خۇددى بېشىغا چاقماق چۈشكەندەك بىلىندى، ئۇ ئېرى زەھەرنىڭ كاساپىتىدىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان چاغدا، ئۆزىگە ھەمىشە ئەگىشىپ يۈرىدىغان ئەزرائىلنى قالدۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى خىيالىغا زادىلا كەلتۈرمىگەنىدى. ئەمدىلا 32 ياشقا كىرگەن گۈلشەن بۇ كەمتۈك ئائىلىنىڭ بارلىقى ئىدى، ئۇنىڭ قولىغا قاراشلىق ئۈچ بالىدىن چوڭ ئوغلى يەتتە ياشقا، كىچىك ئوغلى بەش ياشقا، نۇرنىسا بولسا، ئاران ئۈچ ياشقا كىرگەنىدى.
گۈلشەن يۇقۇم مۇداپىئە پونكىتىدىن چىقىپ، ئادەم يوق يەرگە يۈگۈرۈپ بېرىپ ھۆڭگىرەك ئېتىپ يىغلاپ كەتتى:
گۈلشەن پۇخادىن چىققۇچە يىغلىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىگە تەسەللى بېرىشكە، ئانچە كۆپ ۋاقىت قالمىغان كەلگۈسىنىڭ غېمىنى يېيىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ چىرايىدىن غەم _ قايغۇسىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىغا بولمايتتى، بالىلار تېخى كىچىك بولغاچقا، بۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيتتى. چوڭ ئوغلىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقتى بولغانىدى، گۈلشەن ئۇنىڭ بىلىملىك ئادەم بولۇپ، ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. تەلىيىگە يارىشا، گۈلشەن يەنە سەككىز _ توققۇز يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدىكەن، ئۇ چاغقا بارغاندا، چوڭ ئوغلى 15_ 16 ياشقا كىرىپ، ئىنىسى بىلەن سىڭلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدىغان بولاتتى. گۈلشەننىڭ قارىشىچە، ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشى كېسىلى قوزغىلىشتىن ئىلگىرى بالىلىرى ئۈچۈن كۆپرەك پۇل غەملەش، ئۇلارغا قەيسەر بولۇشنى، قىيىنچىلىق ئىچىد قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت ئىدى.
گۈلشەن ئەسلىدە قەيسەر، خۇشخۇي ئايال ئىدى. ئۇ ئېرى ۋاپات بولغاندا، ھېچنېمىسى يوق ئائىلە ئالدىدا قەيسەر بولۇش يولىنى تاللىۋالغانىدى، ئۇ ھازىر ئۆزىنىڭ ساقايماس كېسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆمرىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەن چاغدا، قۇرامىغا يەتمىگەن ئۈچ بالىسى ئالدىدا يەنىلا قەيسەر بولۇش يولىنى تاللىۋالدى.
يۇقۇم مۇداپىئە پونكىتىدىكىلەر ۋە مەھەللە ئىش باشقارمىسىدىكىلەر ئۇنىڭغا ئىلھام ۋە تەسەللى بەرگىلى ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە، ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
- مېنىڭدىن ئەنسىرىمەڭلار، مەن بىر كۈن ھاياتلا بولىدىكەنمەن، بىر كۈن بەرداشلىق بېرىمەن، بالىلىرىم ئالدىدا ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارغا ھاياتنى قەدىرلەشنى چۈشەندۈرىمەن، ئۇلارغا ئانىلىق مېھرىمنى بەخش ئېتىمەن.
ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئۇرانىدىن خۇددى باشقىلارغا تەسەللى بېرىۋاتقاندەك مەنە چىقاتتى.
گۈلشەننىڭ قەيسەر ۋە ئۈمىدۋار تۇرمۇش پوزىتسىيىسى يۇقۇم مۇداپىئە پونكىتىدىكىلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى، بۇ ئائىلە يۇقۇم مۇداپىئە پونكىتىنىڭ نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلۈش ئوبيېكتى بولۇپ قالدى. بۇ پونكىت تەشەببۇسكارلىق بىلەن گۈلشەننى قۇتقۇزۇش ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويدى ھەمدە مەھەللە ئىش باشقارمىسىنىڭ ياردىمى بىلەن گۈلشەنگە ئېيىغا 200 يۈئەن ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى ھەل قىلىپ بەردى.
غۇلجا شەھەرلىك يۇقۇم مۇداپىئە پونكىتى ئەيدىز [AIDS] بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جۈپىڭ مۇنداق دەيدۇ:
-بۇ يەردە ئەيدىزگە مۇپتىلا بولغانلار ئاز ئەمەس، ئەمما، گۈلشەنگە ئوخشاش كېسەلگە ۋە رېئاللىققا قەيسەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلار كەم تېپىلىدۇ.
2005 _ يىل 5 _ ئايدا شۇ جايدىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى زەھەر چەكلەش تەشۋىقاتىغا ماسلىشىش يۈزىسىدىن ئەيدىز كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان قەيسەر ۋە مۇستەقىل ئىش كۆرگۈچى گۈلشەننى زىيارەت قىلدى. گۈلشەننىڭ بېشىغا كەلگەن قىسمەتنىڭ مەنبەسى زەھەر بولغاچقا، ئۇ زەھەرگە چىش _ تىرنىقى بىلەن ئۆچ ئىدى، شۇڭا ئۇ باتۇرلۇق بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق تەشۋىقاتقا ماسلاشتى.
ھازىر گۈلشەن پات _ پات بىئاراملىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدى، ئەيدىز كېسىلىگە ئەگەشمە كېسەللىك ئالامىتى ئۇنىڭ ئورگانىزمىدا ئاستا _ ئاستا كۆرۈلمەكتە ئىدى. يۇقۇم مۇداپىئە پونكىتى ئۇنىڭ ئۆمرىنى تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشتۇرۇش ئۈمىدىدە ئۇنى پائال قۇتقۇزماقتا.
گۈلشەن خۇددى بىپايان چۆل _ جەزىرىدە ئۆسىدىغان چىغقا ئوخشاش، ئىنتايىن ناچار مۇھىتتا قەيسەرلىك بىلەن ياشىماقتا. ئۇ ھاياتىغا كەلگەن بۇ بالايىئاپەت داۋامىدا ئۆزىلا تىرىشىپ _ تىرمىشىۋاتقىنى يوق، ئۇ بۇ تىرىشىش _ تىرمىشىش داۋامىدا باشقىلارغا تېخىمۇ كۆپ مېھرىنى ئاتا قىلىشنى، بولۇپمۇ يېتىم قىز نۇرنىساغا مېھرىنى ئاتا قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى.
 

iOS ئەپى
Android ئەپى
ئەلداۋا سالونى
ئېلان مۇلازىمىتى
  • ئەلداۋا باياناتى
  • 1. ئەلداۋادىكى تېببىي ساۋات ماقالىلىرىدىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، دىياگنوز-داۋالاشتا ئاساس قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكىرى بويىچە ئىش كۆرگەيسىز.
    2. ئەلداۋادىكى بارلىق ماقالىلەر پەقەت تارقىتىش ئۈچۈن يوللانغان. بۇ ماقالىنىڭ ئەلداۋادا ئېلان قىلىنغانلىقى - ھەرگىزمۇ بۇ ماقالىدىكى كۆز قاراشلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇ خىل قاراشلارنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
    3. ئەلداۋادىكى ماقالىلەرنى باشقا بېكەت، سالونلارغا رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مۇناسىپ چارە-تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغداشقا مەجبۇرمىز.
  • مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر